Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
胚乳发育
بىئولوگىيە
تۆرەلمە سۈتىنىڭ يېتىلىشى
يېپىق ئۇرۇقلۇق ئۆسۈملۈكلەردىكى مەركىزىي ھۈجەيرە (قۇتۇپ يادروسى) نىڭ ئۇرۇقلانغاندىن كېيىن يېتىلىپ تۆرەلمە سۈتىگە ئايلىنىش جەريانى. قۇتۇپ يادروسى بىلەن سپېرما قوشۇلۇپ دەسلەپكى تۆرەلمە سۈت يادروسىغا ئايلانغاندىن كېيىن كۆ قېتىم بۆلۈنۈش ئارقىلىق تۆرەلمە سۈتىنى ھاسىل قىلىدۇ. تۆرەلمە سۈتىنىڭ پەيدا بولۇش ئۇسۇلى مۇنداق بىر قانچە خىل بولىدۇ:
(1) يادرو تىپلىق تۆرەلمە سۈتى. دەسلەپكى تۆرەلمە سۈت يادروسى ئەركىن يادرونىڭ بۆلۈنۈش ئۇسۇلى بويىچە كۆپىيىپ تۆرەلمە سۈتىگە ئايلىنىدۇ، كېيىن يەنە تۆرەلمە سۈت ھۈجەيرىسىنى ھاسىل قىلىدۇ ياكى ھۈجەيرە ھاسىل قىلمايدۇ. مەسىلەن، شال، باقىلە، كېۋەز، زىغىر، ئالما، ماندارىن قاتارلىقلار. (2) ھۈجەيرە تىپلىق تۆرەلمە سۈتى. دەسلەپكى تۆرەلمە سۈت يادروسى ھۈجەيرە بۆلۈنۈش ئۇسۇلىدا كۆپىيىپ تۆرەلمە سۈت ھۈجەيرىسىنى ھاسىل قىلىدۇ، ئەركىن يادرو باسقۇچىنى بېسىپ ئۆتمەيدۇ. مەسىلەن، تاماكا، پەمىدۇر، كۈنجۈت، خېنە قاتارلىقلار. (3) سازلىق ئۆسۈملۈكلىرى تىپلىق تۆرەلمە سۈتى. دەسلەپكى تۆرەلمە سۈت يادروسى بىرىنچى قېتىملىق بۆلۈنۈشتىن كېيىن ھۈجەيرە پوستى ھاسىل قىلىپ، تۆرەلمە خالتىسىنى تۈگۈن تۆشۈك بوشلۇقى بىلەن قوشۇلۇش نۇقتا بوشلۇقىغا بۆلۈۋېتىدۇ، تۈگۈن تۆشۈك بوشلۇقى كۆپ قېتىم ئەركىن يادرو بۆلۈنۈش ئۇسۇلىدا بۆلۈنۈپ قايتا ھۈجەيرە ھاسىل قىلىدۇ، قوشۇلۇش نۇقتا بوشلۇقى بۆلۈنمەيدۇ ياكى بىر قانچە قېتىملا بۆلۈنىدۇ. بۇ خىل ئەھۋال ئاساسەن ئاز ساندىكى تاق پەللىلىك ئۆسۈملۈكلەردە كۆرۈلىدۇ. تۆرەلمە سۈتىنىڭ يېتىلىشى تۆرەلمىنىڭ يېتىلىشىدىن بالدۇر ۋە تېز بولۇپ، تۆرەلمىنىڭ يېتىلىش ۋە دىففېرېنسىيىلىشىنى پايدىلىق فىزىئولوگىيىلىك مۇھىت بىلەن تەمىنلەيدۇ. كېيىنكى مەزگىلدىكى تۆرەلمە سۈتىنى ياكى تۆرەلمە پارچىلاپ سۈمۈرۈۋالىدۇ، ياكى زاپاس ساقلىغۇچى توقۇلمىغا ئايلىنىپ كېتىدۇ.