Uyghurئاساسىي لۇغەت
پەيرو
دۇنيا تارىخى
(1867 - 1928) ئارگېنتىنا يازغۇچىسى. 1896- يىلى سوتسىيالىزم تەتقىقات مەركىزىنىڭ سېكرىتارى بولغان. ئارگېنتىنانىڭ ئىسلاھاتچىلىق ھەرىكىتىگە كۈچ چىقارغان. <مىللەتلەر گېزىتى> نىڭ مۇھەررىرى بولغان. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە ياۋروپادا تۇرۇشلۇق مۇخبىر بولغان 1908- يىلى بارسېلونادا ژۇرنال نەشر قىلىپ، ئارگېنتىنا ئەدەبىياتىنى تاراقاتقان. ئاساسلىق ئەسەرلىرىدىن: <لائۇچانىڭ تويى>، <پاگوچىكو>، <خوئەن مولېرانىڭ نەۋرىسىنىڭ كەچۈرمىشى> قاتارلىق ھېكايىلىرى، <تراگېدىيە>، <خارەبە ئۈستىدە> قاتارلىق سەھنە ئەسەرلىرى ۋە <ساختىپەز ئىنكالىقلار>، <كاپىتان ۋېركارا> قاتارلىق تارىخىي ھېكايىلىرى بار.