Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
پەي رېفلېكسى
بىئولوگىيە
腱反射
jiànfǎnshè
<سىڭىر (تارىمۇش) رېفلېكسى> دەپمۇ ئاتىلىدۇ. مۇسكۇل پېيىنى تېز سۈرئەتتە تارتقاندا مەزكۇر مۇسكۇلدا كېلىپ چىقىدىغان قىسقىراش رېفلېكس پائالىيىتى. مەسىلەن، تىز بوغۇمى (ئۈگىسى) يېرىم پۈكۈلگەن، پاقالچاق تەبىئىي ساڭگىلاپ تۇرغان ئەھۋالدا تىز بوغۇمى ئاستىدىكى سان تۆت باشلىق مۇسكۇل پېيىگە چېكىپ ئۇرۇش ئارقىلىق ئۇنى تارتىلىشقا ئۇچرىتىپ قىسقىراتقاندا پاقالچاقنىڭ ئالدىغا تېپىپ رېفلېكس پائالىيىتى پەيدا بولىدۇ. بۇ، تىز رېفلېكسى دېيىلىدۇ. يەنە مەسىلەن ئۆكچە (سوڭچاق) پېيىگە چېكىپ ئۇرۇپ تارتىلىشقا ئۇچراتقاندا پاقالچاقنىڭ يان پاقالچاق مۇسكۇلىدا رېفلېكسلىق قىسقىراش پائالىيىتى يۈز بېرىدۇ. بۇ ئۆكچە (سوڭچاق) پېيى رېفلېكس دېيىلىدۇ. پەي رېفلېكسى ئاددىي رېفلېكس بولۇپ، ئىككى خىل نېۋروندىن تەركىب تاپىدۇ، رېتسىپتورى مۇسكۇل مۇكىسى. مۇسكۇل تارتىلىپ مۇسكۇل غىدىقلانغاندا كىرگۈچى نېۋرون ئارقىلىق يۇلۇنغا يەتكۈزۈلۈپ ھەرىكەت نېۋرونى بىلەن بىۋاسىتە ئالاقە قىلىدۇ. ئاندىن ھەرىكەت نېۋرونى تالالىرى ئارقىلىق تارتىلىۋاتقان مۇسكۇلغا بېرىپ مەزكۇر مۇسكۇلنىڭ قىسقىرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئوخشاش بىر بوغۇمدىكى ماسلاشقۇچى مۇسكۇللاردىمۇ قوزغىلىش يۈز بېرىدۇ، ئەكس رول ئوينايدىغان مۇسكۇللار بولسا تورمۇزلىنىدۇ. بۇنداق تورمۇزلىنىش ئۆزئارا (گىرەلەشمە) تومۇزلىنىش دېيىلىدۇ. پەي رېفلېكسى مەركىزىي نېرۋا سىستېمىسىنىڭ ئالىي ئورۇنلىرىنىڭ كونتروللۇقىدا بولىدۇ. پەي رېفلېكسى ئاجىزلىسا ياكى يوقالسا ئادەتتە رېفلېكس يايسىنىڭ كىرىش ياكى چىقىش يولى ياكى تۆۋەن دەرىجىلىك مەركەزلەرنىڭ زەخىملەنگەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ؛ پەي رېفلېكسى كۈچىيىپ كەتسە، ئالىي دەرىجىلىك مەركەزنىڭ فۇنكسىيىسىدە كېسەللىك ئۆزگىرىشى يۈز بەرگەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ. شۇڭا كلىنىكىدا پەي رېفلېكسىنى ئۆلچەش ئارقىلىق نېرۋا سىستېمىسىنىڭ خىزمەت ھالىتى ئىگىلىنىدۇ.
ئۇنىۋېرسال
腱反射
jiàn fǎn shè