Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
胚囊
ئۇنىۋېرسال
pēi náng
تۆرەلمە خالتىسى )ئۇرۇقلۇق ئۆسۈملۈكلەردە(
تۆرەلمە پۈۋەكچىسى
Dباغۋەنچىلىك
pēi náng
تۆرەلمە خالتىسىDدېھقانچىلىق
pēi náng
تۆرەلمە خالتىسىDئورمانچىلىق
pēi náng
تۆرەلمە خالتىسىDئۆسۈملۈك
pēi náng
تۆرەلمە خالتىسىDتېببىي
pēi náng
تۆرەلمە خالتىسى
بىئولوگىيە
تۆرەلمە خالتىسى
ئۇرۇقلۇق ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ئانىلىق گامېتوفىتى بولۇپ، تۆرەلمە تۈگۈن مەركىزىنىڭ ئىچىگە جايلىشىدۇ. ئادەتتە ھەر بىر تۆرەلمە تۈگۈنىدە پەقەت بىر دانە تۆرەلمە خالتىسى بولىدۇ. يۇمران مەزگىلدىكى تۆرەلمە خالتىسى تاق يادرولۇق ھۈجەيرە بولۇپ، چوڭ سپورىغا باراۋەر كېلىدۇ. يېتىلگەن تۆرەلمە خالتىسى كۆپ ساندىكى ئۆسۈملۈكلەردە يەتتە ھۈجەيرە، سەككىز يادرودىن تۈزۈلىدۇ. يەنى تەركىبىدە بىر دانە تۇخۇم ھۈجەيرىسى (ئانىلىق گامېتا)، ئىككى دانە ياردەمچى ھۈجەيرە، بىرا دانە مەركىزىي ھۈجەيرە (تەركىبىدە ئىككى دانە قۇتۇپ يادروسى بولىدۇ)، ئۈچ دانە تەتۈر پۇت ھۈجەيرە بولىدۇ؛ بۇنىڭدىن باشقا ئۆزگىرىش تىپلىرىمۇ بولىدۇ. تۇخۇم ھۈجەيرىسى بىلەن ياردەمچى ھۈجەيرە تۆرەلمە خالتىسىنىڭ تۈگۈن تۆشۈكى بار ئۇچىغا جايلاشقان بولۇپ، ئومۇملاشتۇرۇلۇپ تۇخۇم ئاپپاراتى دەپ ئاتىلىدۇ. تەتۈر پۇت ھۈجەيرە تۆرەلمە خالتىسىنىڭ قوشۇلۇش نۇقتىسى ئۇچىغا جايلىشىدۇ، مەركىزىي ھۈجەيرە ئەڭ چوڭ بولۇپ، يۇقىرىقى ئىككىسىنىڭ ئوتتۇرىسىغا جايلىشىدۇ. تۇخۇم ھۈجەيرىسى ئۇرۇقلانغاندىن كېيىن يېتىلىپ تۆرەلمىگە ئايلىنىدۇ، مەركىزىي ھۈجەيرە ئۇرۇقلانغاندىن كېيىن يېتىلىپ تۆرەلمە سۈتىگە ئايلىنىدۇ، ياردەمچى ھۈجەيرە بىلەن تەتۈر ھۈجەيرە بالدۇرلا يوقىلىپ كېتىدۇ.