Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
پەيلوس
دۇنيا تارىخى
派罗斯
pài luó sī
پېلوپوننېس يېرىم ئارىلى (جەنۇبىي گرېتسىيە) دىكى قەدىمكى شەھەر. مېسسېنىيىنىڭ غەربىي جەنۇبىي قىسمىدىكى كورۇفاسيۇم دېڭىزىنىڭ بۇرجىكىگە جايلاشقان. جەنۇب تەرىپى سىفاكېتىلىيە ئارىلىغا تۇتاشقان بولۇپ، مۇھىم ئورۇنغا جايلاشقان. گومىر <ئېلىئادا> داستانىدا پالۋان نېستورنى پەيلوس پادىشاھى دەپ تەرىپلىگەن. ئىككىنچى قېتىملىق مېسسېنىيە ئۇرۇشى مەزگىلىدە (مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅶ ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا) بۇ يەردىكى ئاھالە سپارتا قۇلدارلىرىنىڭ باستۇرۇشىغا باتۇرانە قارشىلىق كۆرسەتكەن بولسىمۇ، مەغلۇپ بولۇپ، باشقا جايلارغا قېچىپ كەتكەن. كېيىن پەيلوس شەھىرى خارابىلىققا ئايلىنىپ قالغان. ھازىرقى زامان ئارخېئولوگلىرى خارابەئورنىنى قېزىپ، 1939-يىلدىن باشلاپ بۇ يەردىن زور تۈركۈمدىكى يىپسىمان يېزىقىنىڭ (1952-يىلى ۋېنتېرىس يېشىپ ئوقۇپ مۇۋەپپەقىيەت قازانغان) سېغىز بەت (تەخمىنەن 1200 دىن ئوشۇق) نۇسخىسىنى، شۇنداقلا ئۇنىڭدىن باشقا مېكناي دەۋرىگە تەۋە مەدەنىي ياداىكارلىقلار (ئىگىي مەدەنىيىتىنىڭ بىر قىسمى) نى تاپقان؛ سېغىز بەتتىكى سانلىق يازمىلاردا ئىپادىلىنىشىچە، مىلادىدىن 2000 يىل ئىلگىرىكى يىللاردا ئىپادىلىنىشىچە، مىلادىدىن 2000 يىل ئىلگىرىكى يىللارنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا بۇ يەردە قۇللۇق تۈزۈم دەۋر سۈرگەن.