Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
培理关
دۇنيا تارىخى
پېررىنىڭ دەرۋازىنى قېقىشى
Ⅹ Ⅸ ئەسىرنىڭ 50-يىللىرىدا ئامېرىكىنىڭ ياپونىيىنىڭ <دۆلەت دەرۋازىسىنى ئېچىش> قا قورال كۈچى بىلەن مەجبۇر قىلىش ۋەقەسى. 1853-يىلى 7-ئايدا، ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيە ئادمېرالى پېررى ئامېرىكا فلوتىنى باشلاپ ئېدوگاۋاغا كىرىپ، ياپونىيە شوگنات دائىرىلىرىنىڭ ئامېرىكا بىلەن سودا شەرتنامىسى تۈزۈشنى تەلپە قىلغان ھەمدە ئۇرۇش قىلىش بىلەن تەھدىت سېلىپ، شوگناتنى دۆلەت خېتىنى قوبۇل قىلىشقاقىستىغان. 1854-يىلى 2-ئايدا پېررى فلوت باشلاپ يەنە بىر قېتىم ياپونىيىگە كېلىپ، شوگناتنى سۆھبەت ئۆتكۈزۈشكە قورال كۈچى بىلەن قىستىغان، 3-ئايدا ياپونىيىنى كاناگاۋادا <ياپونىيە - ئامېرىكا يارىشىش شەرتنامىسى> (ئادەتتە <كاناگاۋا شەرتنامىسى> دېيىلىدۇ) نى ئىمزالاشقا مەجبۇرلىغان. سىمودا، خاكوداتې سودا ئېغىزلىرىنى ئاچقۇزغان، شۇنىڭ بىلەن چەت ئەللەرنىڭ ياپونىيىگە قاراتقان تاجاۋۇزچىلىقى باشلانغان. پېررى پارخوتلىرى قارا سىر بىلەن سىرلانغانلىقى ئۈچۈن <قارا پاراخوت ۋەقەسى> دەپمۇ ئاتىلىدۇ.