Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
佩德罗一世
دۇنيا تارىخى
پېدرو Ⅰ
() (1320 - 1367) پورتۇگالىيە بۇرگۇندىيە سۇلالىسىنىڭ كورۇلى (7135 - 1367). ئالفونسو Ⅳ نىڭ ئوغلى. پادىشاھلىق تەختىدە ئولتۇرغان مەزگىللىرىدە رىتسارلار ۋە شەھەر ئاھالىسىگە تايىنىپ ھوقۇقنى مەركەزلەشتۈرگەن، شەخسەن ئۆزى ئەدلىيە ئىشلىرىنى سورىغان ۋە توپىلاڭ كۆتۈرگەن ئاقسۆڭەكلەرنى قاتتىق جازالاپ، چېركاۋنىڭ تەسىرىنى چەكلىگەن. تەختكە چىقىشتىن ئىلگىرى كېنىزەك ئېنېس دې كاسترو بىلەن بىر مەزگىل ئاشنا ئويناپ يۈرگەن، 1355-يىلى ئۇنىڭ دادىسى ئىنىسىنى ئۆلتۈرۈۋەتكەن، بۇ ۋەقە كېيىنكى چاغلارغا كەلگەندە پورتۇگالىيە شائىرى كامېسنىڭ مەشھۇر ئېپىك داستانى <لوستانىيە ناخشىسى> (<لوسىياد> دەپمۇ ئاتىلىدۇ) نىڭ تېمىلىرىدىن بىرى قىلىنغان؛ شۇ سەۋەبتىن پېدرونىڭمۇ داڭقى چىققان. (2) (1798 - 1834) برازىلىيە ئىمپمېراتورى (1822 - 1831). پورتۇگالىيە كورۇلى جۇئاۋ Ⅵ نىڭ ئوغلى. 2018 - يىلى برازىلىيىدە نايىپ بولغان. 1822-يىلى بىرازىلىيە مۇستەقىل بولۇپ، ئىمپېرىيە قۇرغان ۋە ئۆزى پادىشاھ بولغان. 1824-يىلى چوڭ پومېشچىك، چوڭ ئېكىنزار ئىگىلىرى ۋە چوڭ سودا بۇردۇئازىيىسىنىڭ مەنپەئىتىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان ئاساسىي قانۇننى ئېلان قىلغان ھەمدە پادىشاھلىق - ئاساسىي قانۇنلۇق تۈزۈمىنى ئورناتقان، لېكىن پادىشاھ يەنىلا تۈرلۈك ئىمتىيارلاردىن بەھرىمەن بولغان. ئىچكى جەھەتتە جۇمھۇرىيەتچىلىك ھەرىكەتلەرنى باستۇرۇپ، سىرتقا قارىتا پورتۇگالىيىنىڭ ئوردا كۈرىشىگە قاتناشقان ھەمدە برازىلىيىنى ئىقتىسادىي جەھەتتىن ئەنگلىيىگە بېقىندۇرۇپ قويغان. 1825 - 1828 - يىللىرى ئورگۋاينى تارتىۋېلىش ئۈچۈن ئارگېنتىنا بىلەن ئۇرۇش قىلغان. 1831-يىلى خەلق قوزغىلىڭى پارتلاپ، تەختتىن چۈشۈشكە مەجبۇر بولغان، شۇ يىلى ئالتە ياشلىق ئوغلى فېدرو Ⅱ تەختكە ۋارىسلىق قىلغان، ئۇزۇن ئۆتمەي ياۋروپاغا قېچىپ كەتكەن.