Uyghurئاساسىي لۇغەت
پەغەز
مەنىداش سۆزلۈكلەر
قۇشلار تۈنەيدىغان بالداق، جاي. «پەغەز» كەپتەرگە تەييارلانغان.
ئۆردەكنى قونداققا زورلىما. گەپ - سۆز قەغەزدە، كەپتەر پەغەزدە.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
چەرەندە - پەرەندىلەرنىڭ ياشاش ۋە كۆپىيىشىگە لايىق ياسىۋالغان ئۆيى، جايى.
<پەغەز>، <كاتەك> ئادەم تەييارلىغان ئۇۋا.
مۇشتۇمدەك قۇش يۈرەكتەك ئۇۋا سالار. سايرىغان قۇش چاڭگا سالماس. چاڭگا بۇزۇلسا، تۇخۇم ساق قالماس. قۇش ئاشيانىسى بىلەن، ئادەم ئاشناسى بىلەن. تۈلكە ئايەت ئوقۇسا، غازنى كاتەككە سال. كەپتەرگە پەغەز، خەتكە قەغەز.
شىۋىلەر
خوتەن شىۋىسى
كەپتەر قوندىقى. مەسىلەن: پەغەزگە ئاران قونغان كەپتەرنى ئۇچۇرۇۋەتتى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئۇچۇپ كەلگەن كەپتەرلەر قونىدىغان قونداق.