Uyghurئاساسىي لۇغەت
پەچكەم
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
بەلگە، نىشان.
جەڭ كۈنلىرى باتۇرلار جەڭ بەلگىسى سۈپىتىدە تاقىۋالىدىغان يىپەك رەخت ياكى قوتاز قۇيرۇقى. ئوغۇزلار بۇنى « بەرچەم» دەيدۇ. شېئىردا مۇنداق كەلگەن:
پەچكەم ئۇرۇپ ئاتلاقا
ئۇيغۇرداقى تاتلاقا
ئوغرى ياۋۇز ئىتلاقا
قۇشلار كەبى ئۇچتىمىز
{ئاتلارغا بەلگە تاقاپ،
ئۇيغۇر (ئېلى) دىكى تاتلارغا،
ئوغرى ياۋۇز ئىتلارغا (قاراپ)،
خۇددى قۇشلاردەك ئۇچتۇق.}
ئاتلارغا بەلگە تاقاپ، ئۇيغۇر ئېلىدىكى تاتلارنىڭ يەنى ياۋۇز ئىتلارنىڭ ئۈستىگە خۇددى قۇشتەك ئۇچۇپ باردۇق.
1 - 629