Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
پىچانگۈل
بىئولوگىيە
春兰
chūnlán
تۈلكە ماياق ئائىلىسىگە كىرىدۇ، كۆپ يىللىق، دائىم يېشىل تۇرىدىغان سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. يالغان تەڭگىچە غولى غۇجمەكلىشىپ ئۆسىدۇ. 4 - 6 دانە يوپۇرمىقى توپلىشىپ ئۆسىدۇ، شەكلى تار تاسمىسىمان، قاتتىق بولىدۇ. گۈل شېخى تىك ئۆسىدۇ، يوپۇرماقتىن قىسقا بولىدۇ، 4 - 5 دانە ئۇزۇن يوپۇرماق غىلىپى ئوراپ تۇرىدۇ؛ گۈلى يالغۇز ئۆسىدۇ، ئاز دېگەندە ئىككى تال گۈلى بولىدۇ، سۇس سارغۇچ يېشىل، خۇش پۇراق؛ گۈل كاسا ياپراقچىسىنىڭ ئوتتۇرا تومۇرىنىڭ تۈۋى قىسىمىدا قوڭۇررەڭ سىزىقچىلار بولىدۇ؛گۈلتاجىسى گۈل كاسىسىدىن بىر ئاز قىسقا، كالپۇكسىمان يوپۇرمىقى روشەن بولمىغان دەرىجىدە ئۈچكە يېرىلىدۇ، گۈلتاجىسى يوپۇرمىقدىن قىسقا بولىدۇ، رەڭگى سۇس سېرىق بولۇپ، سۆسۈن توچكىلار بولىدۇ، ئۇچى كەينىگە يۆگىلىدۇ، كالپۇك تەخسىسىنىڭ ئوتتۇرا قىسىمىدا مەركىزىدىن تۈۋىگىچە ئىككى تال قاتلاق بولىدۇ. ئۇ جۇڭگونىڭ جەنۇبىي ۋە شەرقىدىكى تاغ قاپتىلى ئورمانلىقلىرىدا ياۋايى ئۆسىدۇ، چاۋشىيەن ۋە ياپونىيىدىمۇ بولىدۇ. پىچانگۈل جۇڭگودا كەڭ كۆلەمدە ئۆستۈرۈلىدىغان، تەشتەكتە ئۆستۈرۈلۈش تارىخى بىر قەدەر ئۇزۇن بولغان ئۆسۈملۈك. بۇ ئۇرۇقداشتىكى دائىم ئۇچرايدىغان تۈرلەردىن قارا پىچانگۈل (C. sinensis Willd) خەنجەر يوپۇرماقلىق پىچانگۈل (C. ensifoluum Sw) ۋە پاكار پىچانگۈل (C. faberi Rolfe) لەرمۇ ئوخشاشلا ئەتىۋارلىق گۈل ھېسابلىنىدۇ. پىچانگۈل غۇلىنىڭ ئۇزۇن - قىسقىلىقى، گۈل پېپىنچە رەڭگىنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئاساسەن يەنە بىر قانچە ئۆزگەرگەن تۈر ۋە ئۆزگەرگەن تىپلارغا بۆلۈنىدۇ.
ئۇنىۋېرسال
(ئى)
mǎ lán huā
马兰花
يېزا ئىگىلىك,ئۇنىۋېرسال
射干
shè gànDئۆسۈملۈك
黄花菜
huáng huā càiDئۆسۈملۈك
豆豉叶
dòu chǐ yèDئۆسۈملۈك
铁扁担(旦)
tiě biǎn dan (dàn )Dئۆسۈملۈك
鱼翅草
yú chì cǎoDئۆسۈملۈك
野萱花
yě xuān huāDئۆسۈملۈك
蝶兰
dié lán