Uyghurئاساسىي لۇغەت
پازىرك قەدىمكى قەبرىستانلىقى
دۇنيا تارىخى
ئالتاي تاغ رايونى تۆمۈر قوراللار دەۋرىگە ئائىت قەبرىستانلىق. بۈگۈنكى قازاقىستاندىكى چوڭ ئۇلاگان دەرياسىنىڭ ئوڭ قىرغىقىدىكى پازىركتا. 1929-يىلى ۋە 1947 - 1949 - يىللىرى قېزىلغان. جەمئىي بەش چوڭ قەبرە ۋە توققۇز كىچىك قەبرە بار. چوڭ قەبرىلەرنىڭ چوڭقۇرلۇقى 4 مېتىر، كۆلىمى 50 كۋادرات مېتىر، چاسا شەكلىدە، ئىچىدە بىر جۈپ قوش قات تاۋۇت بولۇپ، ئۈستى ياغاچ بىلەن يېپىلغان، ئاستى تەرىپىگە تاختاي ياتقۇزۇلغان. لەھەتكە تاۋۇت ۋە ئاخىرەتلىكلەر قويۇلغان. تاۋۇتنىڭ يېنىغا ئات ۋە ھارۋىلار بىللە قويۇلغان. تورۇس ئۈستىگە ئاق قىيىن دەرىخىنىڭ قوۋزىقى، چاتقال، ياغاچ قويۇلۇپ يېپىلغاندىن كېيىن ئۈستىگە توپا تاشلانغان. يېرى تاغلىق، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھاۋا كىلىماتى سوغۇق ۋە قەبرە قۇرۇلمىسى ئالاھىدە بولغاچقا ياسالغاندىن كېيىن توڭلاپ قالغان ھالەتتە تۇرغان. تاۋۇتتىكى جەسەت مۇميالاپ بىر تەرەپ قىلىنغان. ساپال بۇيۇملار، مېتالدىن ئىشلەنگەن بۇيۇملار، تېرىدىن ئىشلەنگەن كىيىم - كېچەكلەر ۋە تۇرمۇشتا ئىشلىتىلىدىغان سايمانلار، توشۇش سايمانلىرى، زىننەت بۇيۇملىرى قاتارلىقلار ياخشى ساقلانغان. بۇيۇملارنىڭ ئۈستىدىكى نەقىشلەردىن ھايۋان تەسۋىرلىرى كۆپ، ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ھەر خىل ئۆسۈملۈك تەسۋىرلىرىمۇ بار. قەبرىلەرنىڭ چوڭ - كىچىكلىكى قەبرە ئىگىسىنىڭ سالاھىيىتىگە قاراپ ئوخشاش بولمىغان. تەتقىقاتلارغا ئاساسەن، مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅴ ئەسىرلەردىن تارتىپ Ⅳ ئەسىرلەرگە تەئەللۇق (بەزىلەر Ⅲ ئەسىرلەرگە تەئەللۇق دەيدۇ) سېكتاي - ساكلارنىڭ قەبرىستانلىقى ئىكەنلىكى ئىسپاتلاندى.