Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
پائىنلېۋې
دۇنيا تارىخى
班乐卫
bān lè wèi
(1863 - 1933) فرانسىيە زۇڭلىسى (1917 - 1925)، ماتېماتىك. پارىژ ئالىي سىفەنى ۋە پارىژ داشۆسىدە ئوقۇغان، كېيىن ماتېماتىكا دوكتۇرلۇق ئۇنۋانىغا ئىگە بولغان. 1887 - يىلدىن باشلاپ ئىلگىرى- كېيىن بولۇپ لىل داشۆسى، پارىژ داشۆسى ۋە ئۇنىۋېرسال تېخنىكا پەنلىرى مەكتىپىدە ئوقۇتقۇچى بولغان. 1910 - يىلى پارلامېنتقا كىرگەن. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە، جامائەت مائارىپ مىنىستىرلىكىنىڭ مىنىستىرى ۋە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكىنىڭ مىنىستىرى بولغان. ئۇرۇشتىن كېيىن خېررىئوت بىلەن بىللە سول قاناتلار ئىتتىپاقىنى ئۇيۇشتۇرغان. 1924 - 1925- يىللىرى پارلامېنتنىڭ باشلىقىغا سايلانغان. 1925 - 1929- يىللىرى قۇرۇقلۇق ئارمىيە مىنىستىرى بولغان ھەمدە ئىككى قېتىم ئاۋىئاتسىيە مىنىستىرى بولغان(1930 - 1931، 1932 - 1933). جۇڭگونىڭ شىنخەي ئىنقىلابىغا ھېسداشلىق قىلغان. 1926 - يىلى جۇڭگونى زىيارەت قىلغان. بېيجىڭ داشۆ تەرىپىدىن ئىلىم - پەن دوكتۇرلۇق پەخرى نام بېرىلگەن.