Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
پائاسكىۋى
دائىرە: دۇنيا تارىخى巴锡基维
bā xī jī wéi
(1870 - 1956). فىنلاندىيە زۇڭتۇڭى (1946 - 1956). ⅩⅩ ئەسىرنىڭ باشلىرىدا فىنلاندىيە پارتىيىسىنىڭ ئاساسلىق رەھبەرلىرىدىن بىرى بولغان. كېيىن خەلق ئىتتىپاقى پارتىيىسىنىڭ رەئىسى (1934 - 1936)بولغان. 1918-يىلى زۇڭلى بولغان. كېيىن شۋېتسىيىدە تۇرۇشلۇق ئەلچى (1940 - 1941) بولغان. 1939 - 1940-يىللىرى ۋە 1941 - 1944-يىللىرى سوۋېت فىنلاندىيە ئۇرۇشى مەزگىلىدە كۆپ قېتىم تىنچلىقنى قولغا كەلتۈرۈش خىزمىتىگە ئىشتىراك قىلغان. 1944 - 1946 - يىللىرى قايتىدىن زۇڭلى بولغان، كېيىن زۇڭتۇڭ بولۇپ سايلانغان. زۇڭلى ۋە زۇڭتۇڭ بولغان مەزگىللىرىدە، سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن دوستانە ئۆتۈش ۋە ھەمكارلىشىش سىياسىتىنى يۈرگۈزگەن ھەمدە باشقا دۆلەتلەر بىلەن ياخشى مۇناسىۋەتنى راۋاجلاندۇرۇپ، فىنلاندىيىنىڭ بىتەرەپلىكىنى ساقلىغان، بۇ پائاسكىۋى لۇشيەنى ئىتتىپاقى بىلەن ئۆزئارا دوستانە ھەمكارلىشىش شەرتنامىسى ئىمزالانغان.
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ ئۇيغۇرچە–خەنزۇچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.
بۇ سۆز Lughet توپلىمىدىكى باشقا مەنبەلەردىمۇ ئۇچرايدۇ — تۆۋەندىكى تىزىملىكنى كۆرۈڭ.