Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
پاخارپۇر ئىبادەتخانىسى
دائىرە: دۇنيا تارىخى帕哈匀普寺
pà hā yún pǔ sì
مىلادىⅧ ئەسىر ئۆپچۆرىسىدىكى بۇددا دىنىي ئىمارىتىنىڭ خارابىسى. بېنگال خەلق جۇمھۇرىيتىنىڭ راجىشاھى شتاتىدا. بۇتخانىنىڭ ھەر بىر تەرىپىىنىڭ ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 300 مېتىر كېلىدۇ، ئوتتۇرا ھويلىسى 120×105 مېتىر كېلىدۇ، ئېگىزلىكى 10 مېتىر كېلىدىغان چوڭ مۇنارىسى بار، ئوتتۇرا ھويلا ئەتراپىدا 177 خانلىق راھىبلار ئۆيى بار. ئېيتىشلارغا قارىغاندا پالا خاندانلىقىنىڭ ئىككىنچى ئەۋلاد پادىشاھى داراپالا (770 - 810-يىللىرى تەختتە ئولتۇرغان) ياساتقان. مۇنارىنىڭ ئۇل سۇپىسىدىن قېزىۋېلىنغان تەخمىنەن 2800 پارچە ساپال ئەسۋاب، باي پالا سەنئەت ئۇسلۇبىدىكى ماتېرىيال بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ ئۇيغۇرچە–خەنزۇچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.
بۇ سۆز Lughet توپلىمىدىكى باشقا مەنبەلەردىمۇ ئۇچرايدۇ — تۆۋەندىكى تىزىملىكنى كۆرۈڭ.