Uyghurئاساسىي لۇغەت
پاسسىپ توشۇلۇش
بىئولوگىيە
ھۈجەيرىدە ماددىلارنىڭ ئىككى خىل توشۇلۇش شەكلى، يەنى ئەركىن دىففۇزىيىلىنىش ۋە ھەمكارلىشىپ دىففۇزىيىلىنىشنىڭ ئومۇمىي ئاتىلىشىدىن ئىبارەت. ئالدىنقىسى مايدا ئېرىگۈچى ماددىلارنىڭ توشۇلۇشىغا، كېيىنكىسى مايدا ئېرىمەيدىغان ماددىلارنىڭ توشۇلۇشىغا قارىتىلغان. پاسسىپ توشۇلۇشنىڭ ئورتاق نۇقتىسى شۇكى، توشۇلىدىغان ماددا يۇقىرى قويۇقلۇقتىن قويۇقلۇقى تۆۋەن يۆنىلىشكە قاراپ توشۇلىدۇ، شۇڭلاشقا ئارتۇق ئېنېرگىيە سەرپ قىلىش ھاجەتسىز بولىدۇ.