Uyghurئاساسىي لۇغەت
پاسىبان
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
مۇھاپىزەت قىلغۇچى، قاراۋۇل، ساقچى:
ھۇزۇرى غەيرىدىن گەرچە ھەرىمى قۇدس ئېرۇر فارىغ،
كى تۇفراق ئۆزگەدىن تاپماقغە بولدى پاسىبان ئاندا.
ئەرشى.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
قاراۋۇل، ساقچى، كۈزەتچى.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
بىراۋنىڭ غەم - قايغۇسىنى يېنىكلەتكۈچى، بىراۋغا كۆيۈنگۈچى، بىراۋنى قوغدىغۇچى.
ئانا - بالىنىڭ غەمخورى. ئانىدەك غەمخور نەدە. خۇش سۆز ئېيتار ئۇ يارىغا يارى، كى ھەر گەپكە كېرەكتۇر غەمگۇزار. خەيرخاھ كىشى خەيرخاھقا ئېرىشەر. ھامىيىسى بار ھارمايدۇ. ئىستىسەڭ ياىشىلىق ئەقىل پاسىبان، قارا بولۇتتىنمۇ چىقىسەن ئاسان.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
پارىسچە
يېزت. بىرەر كىشى ياكى نەرسىنىڭ خەۋپسىزلىكىنى، ئامانلىقىنى، دەخلىسىزلىكىنى قوغداش ئۈچۈن كۆزەتكەن، پوستقا قويۇلغان كىشى؛ قاراۋۇل، ساقچى.
پادىشاھ دەررۇ پاسىبانلىرىنى نېمە ۋەقە بولغانلىقىنى بىلىپ كىرىشكە بۇيرۇپتۇ.
كۆچمە. ھىمايە قىلغۇچى، مۇھاپىزەت قىلغۇچى، ساقلىغۇچى؛ غەمخور؛ پاشپاناھ.
سەپ بېشىدا پاسىبانىمىز، چېۋەر رولچىمىز بولغاچقا بۇ غايە چوقۇم ئەمەلگە ئاشىدۇ.