Uyghurئاساسىي لۇغەت
پاسات
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئىش - ھەرىكەت ئاقماسلىق، يۈرۈشمەسلىك.
ئۇ ئىش پېتىر بولدى، باشقىچە ئويلىشايلى. قانداق قىلىمىز ئىشىمىز پاسات. ھېلىقى سەن بىلەن قىز تالاشقان يۇڭ باش يىگىت ئىش بېشىدا تۇرغان بولسا، ئىش چاتاق.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
قەستەن، مەقسەتلىك ھالدا قىلىنغان پىتنە - ئىغۋا، ئويدۇرما.
بۇ ئىشلار كىشىنى تولىمۇ بىئارام قىلىدۇ ۋە تۈرلۈك پاسات خىياللار كوچىسىغا باشلايدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
دىئال. قوناق شاخلىرىدىن قۇرۇپ چۈشۈپ قالغان يوپۇرماقلار ۋە شۇ قاتارلىق نەرسىلەر.