Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
پارىژ ئىتتىپاقى
دائىرە: دۇنيا تارىخى巴黎联盟
bā lí lián méng
فرانسىيە خۇگۇئېنوت ئۇرۇشى مەزگىلىدە پارىژىكى بۇرژۇئازىيە بىلەن باشقا تەبىقىدىكىلەر تۈزگەن ئىتتىپاق. 1585-يىلى قۇرۇلغان. ھېنرى دې لوررانى گۇئىسې باشچىلىقىدىكى كاتولىك دىنىي ئىتتىپاقىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن. 1588-يىل 5-ئايدا، پارىژدا قوزغىلاڭ بولغاندا، كورۇل ھېنرى Ⅲ قېچىپ كەتكەن. ئىتتىپاق ئىچىدىكى دېموكراتچىلار <16 كىشىلىك كومىتېت> پارىژ بۇرژۇئاسىيىسى ئاممىۋى ھەرىكەتنىڭ يۇقىرى دولقۇنغا كۆتۈرۈلۈشىدىن قورقۇپ، 1591-يىلى <16 كىشىلىك كومىتېت> نى تارقىتىۋەتكەن، كەينىدىنلا يەنە 1593-يىلى، ھېنرى Ⅳ بىلەن سۈلھ تۈزگەن، ئىككىنچى يىلى ھېنرى Ⅳ پارىژغا كىرگەن، ئىتتىپاق پارچىلىنىپ كەتكەن.
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ ئۇيغۇرچە–خەنزۇچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.
بۇ سۆز Lughet توپلىمىدىكى باشقا مەنبەلەردىمۇ ئۇچرايدۇ — تۆۋەندىكى تىزىملىكنى كۆرۈڭ.