English→Uyghurئاساسىي لۇغەت
Parthians
دائىرە: دۇنيادىكى مىللەتلەرپارفىيىلىكلەر
پارفىيىلىكلەر <ئارساكلار> دەپمۇ ئاتىلىدۇ. پارفىيە غەربىي ئاسىيادا ياشىغۇچى قەدىمكى مىللەتلەرنىڭ بىرى ھەم دۆلەت نامى. پارفىيىلىكلەر مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅹ ئەسىردىن مىلادى Ⅴ - Ⅵ ئەسىرلەرگىچە ئىران ئېگىزلىكىنىڭ شىمالىي (ھازىرقى ئىراننىڭ شەرقىي شىمالىي ۋە تۈركمەنىستان جۇمھۇرىيتىنىڭ جەنۇبى) قىسمىدا ياشىغان، دەسلەپ پىرسىيە ئىمپېرىيىسىگە، كېيىن ئالېكساندىر ئىمپېرىيسى بىلەن سېلېۋك پادىشاھلىقىغا قارام بولغان. مىلادىدىن ئىلگىرىكى 247 - يىلى مۇستەقىل بولۇپ، ئارساك خاندانلىقىنى بەرپا قىلغان، پادىشاھ مىترىدات Ⅰ ھۆكۈمرانلىق قىلغان (مىلادىدىن ئىلگىرىكى 171 - 138)مەزگىلىدە زېمىنى كېڭىيىپ، غەربتە فرات دەرياسىغىچە يېتىپ بارغان، شەرقتە باكتىرىيىگە تەۋە ماغىيانا ۋە ھىندىستانننىڭ غەربىي شىمالىي قىسىمىنى ئۆزىگە قوشۇۋېلىپ پارفىيە ئىمپېرىيسىنى بەرپا قىلغان، مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅰ ئەسىرگە كەلگەندە پۈتكۈل كىچىك ئاسىيا، سۈرىيە ۋە پەلەستىننى ئىشغال قىلىۋالغان. بۇ ئىمپېرىيە مىلادى Ⅲ ئەسىرگىچە غەربىي ئاسىيادىكى چوڭ دۆلەت سۈپىتىدە دەۋران سۈرۈپ كەلگەن، پايتەختىنى كاسىپىي دېڭىزىنىڭ جەنۇبىدىكى ھېكاتومپۇلدىن كتېسفونغا يۆتكەپ كەلگەن، 226 - يىلى يېڭىدىن باش كۆتۈرۈپ چىققان پېرسىيە - ساسانىلار سۇلالىسى تەرىپىدىن گۇمران قىلىنغان.
پارفىيىلىكلەر ھىندى - ياۋروپا تىللىرى سىستېمىسى ئىران تىللىرى گۇرۇپپىسىغا تەۋە پارفىيە يېزىقىنى ئىجاد قىلغان. ئاھالىلىرى زوروئاستېر (زەردۇشىت) دىنىغا ئېتىقاد قىلغان.
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ ئىنگلىزچە–ئۇيغۇرچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.