Uyghurئاساسىي لۇغەت
پارپا
مەنىداش سۆزلۈكلەر
بويى پەس، بويى ئېگىز ئەمەس.
«پىستەك» ، «پىندەك»لەر سەلبىي تۈسكە ئىگە.
«پارپا» ، «جەدىۋار» لار ئادەتتىن تاشقىرى، «پاكار»غا ئېيتىلىدۇ.
ئېگىزنىڭ ئاچچىقى كەلگۈچە، پاكارنىڭ جېنى چىقار. پەتەك بولغان بىلەن پەمى بار. پاكىنەك پەيتى كەلسە دارازىنى يېڭەر. پىستەك دېمەڭ بىزنى، قايرىپ سۆيىمىز سىزنى. پىندەك بالا پىنەك چېكىدىكەن. پارپائىشىكتىن ئېگىلىپ كىرەر. «ئىلى مەشرىپى» دە ئىككى جەدىۋار سۆز ئويۇنى قىلىشتى .
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
بويى، جۇغى پەس.
ئۇزۇنتۇرا، درازا، ئېگىز، شادىپاچاق، دوزاخ شوتىسى
بويى، جۇغى ئېگىز.
ئۇزۇنتۇرانىڭ ئاچچىقى كەلگۈچە پاكىنەكنىڭ جېنى چىقىپتۇ. دارازا دارغا چىقالماس. پەتەك داگازىدىن كۈلۈپتۇ. شادا پاچاقنىڭ پاچىقى ئاسان سۇنار. ئېگىزنىڭ ئاچچىقى كەلگۈچە، پاكارنىڭ جېنى چىقار. دوزاخ شوتىسى ئەپ بىلەن ماڭمىسا، ئاسان يىقىلىدۇ، قېرىغاندا دۈمچىيىدۇ. پارپا ئىشىكتىن ئېگىلىپ كىرەر. پىستە ئىت ئۆلگۈچە كۈچۈك. جەدىۋار سۆزگە ئۇستا.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
بوتانىكا
زەنجىۋىل ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق، سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. يىلتىزسىمان غولى ئۇرچۇق شەكلىدە بولۇپ تېبابەتچىلىكتە دورا قىلىنىدۇ، ئۇيۇغان قاننى تارقىتىش، يەل ماڭدۇرۇش، مەيدىدىكى چىڭلىقنى يوقىتىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپەت
پاكار، پاكىنەك، پەتەك.
پارپا ئادەم. پارپا بوي. پارپا توخۇ.