Uyghurئاساسىي لۇغەت
پاراتىرىن ۋە كالتسيتونىن
بىئولوگىيە
پاراتىرىن قالقان يان بېزى گورمونى. قىسقىچە PTH دەپ يېزىلىدۇ( قالقان يان بېزى ئاجراتقان گورمون، كالتستونىن قالقان بېزى پۈۋەكچە يان ھۈجەيرىسى )C - ھۈجەيرە دەپمۇ ئاتىلىدۇ( ئاجراتقان گورمون. بۇ ئىككى خىل گورمون ھۈجەيرە سىرتقى ئېرىتمىسىدىكى كالتسىي ئىئونى كونسېنتراتسىيىسىنى تەڭشەپ ۋە ساقلاپ قان پلازمىسىدىكى كالتسىي ئىئونى كونسېنتراتسىيىسىنىڭ نىسپىي مۇقىملىقىنى ساقلايدۇ. بۇ نېرۋا ھۈجەيرىسى، مۇسكۇل ھۈجەيرىسى، ئىچكى ئاجرىتىش ھۈجەيرىلىرى قاتارلىقلارنىڭ پائالىيىتىنىڭ مۇھىم شەرتلىرىنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. پاراتىرىن 84 ئامىنو كىسلاتاسىدىن تۈزۈلگەن تاق زەنجىرلىك پولى پېپتىد بولۇپ، نورمال ئادەمنىڭ بىر مىللىلىتىر قان پلازمىدا تەخمىنەن بىر مىللىمىكروگرام بولىدۇ. پاراتىرىننىڭ فىزىئولوگىيىلىك رولى سۆڭەك بۇزغۇچى ھۈجەيرىلەرنىڭ ھاسىل بولۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ سۆڭەك ماددىسىنىڭ ئېرىشىنى تېزلىتىپ كالتسىي، فوسفورلرنى سۆڭەكتىن قانغا ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق قان كالىتسىسىغا ئايلاندۇرۇش؛ بۆرەك كىچىك نەيچىسىنىڭ كالتسىينى قايتا سۈمۈرۈش ۋە فوسفات تۇزلىرىنى چىقىرىۋېتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش ھەمدە ھەزىم قىلىش يولىنىڭ كالتسىي سۈمۈرۈشىنى ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىقلاردىن ئىبارەت. نەتىجىدە قاندىكى كالتسىي كونسېنتراتسىيىسى ئۆرلەپ، قان فوسفورى تۆۋەنلەيدۇ. كالتسىيتونىن 32 ئامىنوكىسلاتاسىدىن تۈزۈلگەن تاق زەنجىرلىك پولى پېپتىددىن ئىبارەت. ئۇنىڭ رولى پاراتىرىننىڭ ئەكسىچە بولۇپ، سۆڭەك ماددىسىنىڭ ئېرىشىنى تورمۇزلايدۇ؛ سۆڭەك ھاسىل قىلىش ھۈجەيرىلىرىنىڭ شەكىللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، كالتسىي، فوسفورلارنى سۆڭەككە تىندۇرىدۇ؛ بۆرەك كىچىك نەيچىسىنىڭ كالتسىي، فوسفورلارنى قايتا سۈمۈرۈشىنى تورمۇزلايدۇ، ئاخىرقى نەتىجىدە قان پلازمىسىدىكى كالتسىي، فوسفور كونسېنتراتسىيىلىرى تۆۋەنلەيدۇ، بۇ ئىككى خىل گورموننىڭ ئاجرىلىشى ئايلىنىپ كېلىپ يەنىلا قان كالتسىي كونسېنتراتسىيىسىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدۇ، قان كالتسىينىڭ كونسېنتراتسىيىسى ئۆرلىگەندە پاراتىرىن تومۇزلىنىشقا ئۇچراپ كالتسىيتوننىڭ ئاجرىلىش مىقدارى كۆپىيىپ قان كالتسىيىسىنى تۆۋەنلىتىدۇ، قان كالتسىيىسىنىڭ كونسېنتراتسىيىسى تۆۋەنلىگەن چاغدا بولسا، پاراتىرىننىڭ ئاجرىلىشى كۆپىيىپ قان كالتسىيىسىنى يۇقىرىلىتىدۇ. سۆڭەكلەر بەدەندىكى كالتسىي، فوسفورلارنىڭ زاپاس ساقلىنىش ئورنى. پاراتىرىن ۋە كالتسىيتونىنلار ئۆزئارا قارىمۇقارشى ۋە ئۆزئارا ماس رول ئويناپ سۆڭەكلەر ۋە قان پلازمىسىدىكى كالتسىي، فوسفورلارنىڭ مىقدارىنى ئورتاق تەڭشەپ قان سۇيۇقلۇقىدىكى كالتسىي ئىئونى ۋە فوسفات تۇزلىرى كونسېنتراتسىيىسىنىڭ نورماللىقىنى ساقلايدۇ.