Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
پاراگۋاي ئۇرۇشى
دۇنيا تارىخى
巴拉圭战争
bā lā guī zhàn zhēng
برازىلىيە، ئارگېنتىنا، ئۇراگۋايدىن ئىبارەت ئۈچ دۆلەتنىڭ پاراگۋاي بىلەن بولغان ئۇرۇشى. بۇ يەنە ئۈچ دۆلەت ئىتتىپاقىنىڭ ئۇرۇشىمۇ دېيىلىدۇ. 1864 - يىلى 9-ئايدا ئامېرىكا، ئەنگلىيە، فرانسىيە قاتارلىق كۈچلۈك دۆلەتلەرنىڭ كۈشكۈرتىشى ۋە مەدەت برىشى ئارقىسىدا، برازىلىيە ئۇراگۋايغا تاجاۋۇز قىلغان. پاراگۋاي ئۇراگۋاينىڭ ئاق پارتىيە ھۆكۈمىتىنى قوللاپ، برازىلىيىگە ئۇرۇش ئېلان قىلغان. پاراگۋاي برازىلىيىگە ھۇجۇم قىلىشى ئۈچۈن، ئارگېنتىنادىن يول سورىغاندا رەت قىلىنغانلىقتىن، يەنە ئارگېنتىنا بىلەن ئۇرۇشقان. كېيىن برازىلىيە، ئارگېنتىنا ئۇراگۋايدىكى قىزىل پارتىيىنى يۆلەپ تەختكە چىقارغان ھەمدە 1865-يىلى 5-ئايدا ئۈچ دۆلەت ئىتتىپاق تۈزۈپ، برازىلىيە قۇرۇقلۇق ئارمىيىسىنى ئاساسىي كۈچ قىلىپ، پاراگۋايغا تاجاۋۇز قىلغان. 1870 - يىلى 3-ئايدا ئاكۇيدابان دەرياسى ھەل قىلغۇچ جېڭىدە، پاراگۋاي مەغلۇپ بولۇپ، سۈلھ قىلىشقا مەجبۇر بولغان. 1872-يىلدىكى كېلىشىمدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن، پاراگۋاي ئىتتىپاقداش دۆلەتلەرگە ناھاىىتى كۆپ تۆلمە پۇلى بېرىشكە ھەمدە زېمىنىنىڭ يېرىمىنى برازىلىيە ۋە ئارگېنتىناغا كېسىپ بېرىشكە مەجبۇر بولغان. ئۇرۇش مەزگىلىدە، پاراگۋاي ئاھالىسىنىڭ ئۈچتىن ئىككى قىسمى تالاپەتكە ئۇچرىغان، لاتىن ئامېرىكىسى تارىخىدىكى ئەڭ دەھشەتلىك ئۇرۇشلارنىڭ بىرى بولۇپ قالغان.