Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
پاپا مېرىدىئانى
دۇنيا تارىخى
教皇子午线
jiào huáng zǐ wǔ xiàn
1494-يىلى پورتۇگالىيە بىلەن ئىسپانىيىنىڭ تەسىر دائىرىسىنى ئايرىغان پاسىل سىزىقى. 1492-يىلى كولومبو <يېڭى قۇرۇقلۇق> نى تاپقاندىن كېيىن، پورتۇگالىيە بىلەن ئىسپانىيە بازار ۋە مۇستەملىكە تالىشىپ ئۇزاق ۋاقىت ئۇرۇش قىلغان. 1493-يىلى 5-ئايدا، رىم پاپاسى ئالېكساندىر Ⅵ يارلىق ئېلان قىلىپ، ۋېردې تۇمشۇقى تاقىم ئاراللىرىنىڭ غەربىدىكى 100 لېگې (1 لېگى تەخمىنەن 6 كىلومېتىر) كېلىدىغان جايدىن شىمالىي قۇتۇپتىن جەنۇبىي قۇتۇپقىچە بىر سىزىق سىزىپ، سىزىقنىڭ شەرقىي پورتۇگالىينىڭ تەسىر دائىرىسى قىلىنغان، سىزىقنىڭ غەربى ئىسپانىيىنىڭ تەسىر دائىرىسى قىلىنغان. 1494-يىلى 6-ئايدا، ئىككى دۆلەت مۇشۇنىڭغا ئاساسەن <توردېسللاس شەرتنامىسى> نى رەسمىي ئىمزالىغان ھەمدە بۇ سىزىقنى يەنە غەربكە 270 لېگې، تەخمىنەن غەربىي مېرىدىئان 43 .40 ′ گىچە سۈرۈشكە قوشۇلغان. ماگېللا كېمىلىرى يەر شارىنى ئايلىنىپ چىققاندىن كېيىن، ئىككى دۆلەت يەنە تىنچ ئوكياندا تالاش - تارتىش قىلغان. شۇنىڭ بىلەن 1529-يىلى <زاراگوزا شەرتنامىسى> ئىمزالانغان، ئۇنىڭدا مولوككا تاقىم ئاراللىرى (ھازىرقى مالۇكۇ تاقىم ئاراللىرى) نىڭ شەرقىدىكى 17 گرادۇس بىر سىزىق سىزىپ، سىزىقنىڭ غەربىي پورتۇگالىيە تەسىر دائىرىسىگە شەرقىي ئىسپانىيە تەسىر دائىرىسىگە مەنسۇپ بولۇش بەلگىلەنگەن. يۇقىرىدىكى ئىككى شەرتنامە مۇستەملىكچى كچلۈك دۆلەتلەرنىڭ تۇنجى قېتىم دۇنيانى بۆلۈۋېلىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. <جۇغراپىيىلىك چوڭ كەشپىيات> قا قاراڭ.