Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
پاپا كاپالەتلىك قانۇنى
دائىرە: دۇنيا تارىخى教皇保障法
jiào huáng bǎo zhàng fǎ
ئىتالىيە پادىشاھلىقىنىڭ رىم پاپاسىنىڭ ئورنى مەسىلىسىنى ھەل قىلىش پەرمانى. 1870-يىلى 9-ئايدا ئىتالىيە ئارمىيىسى رىم شەھىرىنى ئىشغال قىلىپ، دۆلەتنى ئاخىرقى ھېسابتا بىرلىككە كەلتۈرگەن. 1871-يىلى 5-ئايدا ئىتالىيە پارلامېنتى كاپالەتلىك قانۇنىنى ماقۇللاپ، پاپانى دەھرىي ھاكىمىيەت ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلغان، لېكىن پاپا ۋاتىكان، لااتىران ئىبادەتخانىسى (خرىستىئان دۇنياسىنىڭ ئىبادەتخانىلار ئانىسى) ۋە گامدورفۇ قەئەسىدىكى يازلىق سارايغا ئىگە بولىدۇ، دپ بەلگىلەنگەن. پاپانىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا ئىگە دۆلەت ھوقۇقىدىن ۋە ئىمتىيازىدىن بەھرىمەن بولىدىغانلىقى، مۇھاپىزەت قىسىملىرىنى ۋە كۈتكۈچىلەر قوشۇنىنى ساقلاپ قالىدىغانلىقى، دىنىي ۋەزىپە ئۆتەشتە مۇتلەق ئەركىنلىككە ئىگە ئىكەنلىكى ۋە ئەلچىلەرنى قوبۇل قىلىش، دىپلوماتىك ۋەكىللەرنى ئەۋەتىش ھوقۇقىغا ئىگە ئىكەنلىكى ئېتىراپ قىلىنغان. ئىتالىيە ھۆكۈمىتى پاپانىڭ خىراجىتى ئۈچۈن ھەر يىى 3 مىليون 225 مىڭ لىرا ئاجرىتىپ بەرگەن. لېكىن پاپا پىئۇس Ⅸ ئۇنى قوبۇل قىلىشنى رەت قىلغان ھەمدە كاتولىك دىنىدىكى دۆلەتلەرنىڭ ئۆز ھاكىمىىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى مۇراجىئەت قىلغان. 1929-يىلغا كەلگەندە ئىتالىيە ھۆكۈمىتى پاپا بىلەن <لاتىران شەرتنامىسى" نى ئىمزالىغاندىن كېيىن ماجىرا ئاخىرلاشقان.
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ ئۇيغۇرچە–خەنزۇچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.
بۇ سۆز Lughet توپلىمىدىكى باشقا مەنبەلەردىمۇ ئۇچرايدۇ — تۆۋەندىكى تىزىملىكنى كۆرۈڭ.