Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
پاپا
دىنى سۆزلۈكلەر
罗马教皇
luó mǎ jiào huáng
دۇنيا تارىخى
教皇
jiào huáng
ۋاتىكان پادىشاھى. كاتولىك دىنى رىم ئېپىسكوپىنىڭ ئالى نامى. رىمدا تۇرىدىغان بولغاچقا رىم پاپاسى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. <پاپا> دېگەن سۆز لاتىنچە Papa دىن ئېلىنغان، ئەسلى گرېكچە Papas دېگەن سۆزىدىن كەلگەن. بۇ <ئاتا> دېگەن مەنىدە. ئەسلى خرىستىئان دىنىدىكى ئادەتتىكى يۇقىرى دەرىجىلىك خادىملارنىڭ ھۈرمەت نامى ئىدى. مىلادى Ⅱ ئەسىردە ئېپىسكوپ تۈزۈمى بارلىققا كەلگەندىن كېيىن، بارلىق ئېپىسكوپلارغا قوللىنىلغان. رىم ئېپىسكوپى رىم ئىمپېرىيىسىنىڭ پايتەختىدە بولۇپ، سىياسىي، ئىقتىسادىي كۈچى ئەڭ زور بولغانلىقى ئۈچۈن ئېپىسكوپلاردىن ئۈستۈن تۇرماقچى بولغان. Ⅴ ئەسىردە، رىم ئېپىسكوپى <پاپا> دېگەن نامىنى ئۆزى يالغان ئىگىلىگەن. 756-يىلى فرانك كورۇلى پېپىن (پاكار) رىمدىن راۋېننا ئەتراپىغىچە بولغان جايلارنى پاپاغا تەقدىم قىلغان. بۇ پاپا دۆلىتىنىڭ باشلىنىشى بولغان. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن پاپا ھەم كاتولىك دىنىنىڭ كاتتىبېشى، ھەم بىر دۆلەتنىڭ پادىشاھى بولۇپ، ۋارىسلىق ھوقۇقىغا ئىگە بولغان. Ⅷ - Ⅹ ئەسىرلەردە، پاپا ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ فرانك كورۇلى ۋە مۇقەددەس رىم ئىمپېراتورىنىڭ باشقۇرشىدا بلغان. 1059 - يىلى لاتېران دىنىي يىغىنىدا پاپانى كارىدىنال ئۆمىكى سايلام ئارقىلىق ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈش بەلگىلەنگەن، دەھرىي فېئودال ئاقسۆڭەكلەرنىڭ ئۇنىڭ ئىشلىرىغا ئارىلىشى مەنئى قىلىنغان. Ⅺ - ⅩⅢ ئەسىرلەردە مۇقەددەس رىم ئىمپراتورى بىلەن ئېپىسكوپ تەيىنلەش ھوقۇقىنى تالىشىش ۋە كلۇنى ئىسلاھاتى ئارقىلىق پاپانىڭ كۈچى كۈچەيگەن، ھەتتا دەھرى پادىشاھلىق ھوقۇقىدىن ئۈستۈن بولغان. ئىننوسېتىئۇس Ⅲ دەۋرى (1198 - 1216) دە پاپا ھوقۇقى راسا روناق تاپقان. ئۇنىڭدىن كېيىن غەربىي ياۋروپادا ھوقۇق مەركەزلەشتۈرۈلگەن دۆلەتلەرنىڭ مەيدانغا كېلىشىگە ئەگىشىپ، ئۇنىڭ ھوقۇقى ئاجىزلاشقان. 1309 - 1377-يىللىرى ئاۋىگىنوندا تۇرۇپ، فرانسىيە كوۇرلىغا بېقىنغان (<ئاۋىگىنون پاپاسى> غا قاراڭ). 1378 - 1417-يىللىرى ئىككى ھەتتا ئۈچ پاپا بىللە تۇرغان ئەھۋال كېلىپ چىققان (<كاتولىك دىنىي جگمئىيىتىدكى چوڭ پارچىلىنىش> قا قاراڭ). ⅩⅥ ئەسىردىكى ياۋروپا دىن ئىسلاھاتى ھەرىكىتىدە پاپانىڭ ئورنى يەنىمۇ ئاجىزلاشقان. ⅩⅦ - ⅩⅨ ئەسىرلەردە ياۋروپادىكى يېقىنقى زامان بۇرژۇئا ئىنقىلابىدا، فېئودال ئەكسىيەتچى كۈچلەر تەرەپتە تۇرغان. 1870-يىلى پاپا دۆلىتىنىڭ پۈتۈن زېمىنى ئىتالىيە پادىشاھلىقىغا قوشۇۋېتىلىپ، پاپا رىم شەھىرىنىڭ غەربىي شىمالىدىكى ۋاتىكانغا جايلاشتۇرۇلغان.
ئۇنىۋېرسال
(ئى)
jiào huáng
教皇
دىنى سۆزلۈكلەر
خىرىستيان دىنى
教宗(教皇)
jiào zōng (jiào huáng )
دىنى سۆزلۈكلەر
خىرىستيان دىنى
教皇
jiào huáng
دىنى سۆزلۈكلەر
帕帕
pà pà
تېببىي
侏儒
zhū rúDئۇنىۋېرسال
矮人
ǎi rénDدۇنيا يەر - جاي ناملىرى
帕波
pà bōDدۇنيا يەر - جاي ناملىرى
帕帕
pà pàDئۇنىۋېرسال
僬侥
jiāo yáoDئۇنىۋېرسال
教皇
jiào huángDئەدلىيە ئاتالغۇلىرى
教皇
jiào huángDدۇنيا يەر - جاي ناملىرى
巴巴〈尼〉
bā bā 〈ní 〉