Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
泡桐
ئورمانچىلىق
pāo tóng
پاۋلونىيەDئۆسۈملۈك
pāo tóng
ئاق چىنار دەرىخى، پاۋلونىيە دەرىخىDئۇنىۋېرسال
pāo tóng
پاۋلووۋنىيە دەرىخى
بىئولوگىيە
ئاق چىنار دەرىخى
چۇقا ئائىلىسىگە كىرىدۇ، يوپۇرماق تاشلايدىغان دەرەخ، قوۋزىقى قوڭۇر رەڭلىك بولىدۇ. يۇمران شېخى، يوپۇرماق سېپى، يوپۇرمىقىنىڭ تۆۋەندىكى يۈزى، گۈل كاسىسى ۋە يۇمران مېۋىسىنى قويۇق ئۆسكەن يۇلتۇزسىمان سېرىق يۇمشاق تۈكچىلەر قاپلاپ تۇرىدۇ. ئاددىي يوپۇرمىقى ئۇدۇل ئۆسىدۇ، يوپۇرماق ئالقىنى يۈرەكسىمان تۇخۇم شەكىللىكتىن يۈرەكسىمان ئۇزۇن تۇخۇم شەكىللىككىچە، گىرۋىكى تولۇق بولىدۇ. چەكلىك كونۇسسىمان گۈل رېتى چوققىدا ئۆسىدۇ، كىچىك چەكلىك كۈنلۈكسىمان گۈل رېتىدە 3 - 8 دانە گۈلى بولىدۇ، غۇنچىسى ئالدىنقى ياىلى كۈزدە ھاسىل بولىدۇ. گۈلى چوڭ، كالپۇكسىمان، ئاق غوزا مېۋىسى چوڭ، سىرتقى مېۋە پوستى قاتتىق، ئۇرۇقى كىچىك بولۇپ، ئەتراپىدا نېپىز قانىتى بولىدۇ، خۇاڭخې ۋادىسى ۋە جەنۇبتىكى پەس ئىگىزلىكتىكى تۆپىلىك، تۈزلەڭلىك رايونلارغا تارقالغان، ۋېيتنامدىمۇ بار. يورۇقلۇقنى ياخشى كۆرىدۇ، ئىنتايىن تېز ئۆسىدۇ. ياغاچ ماتېرىيالى يۇمشاق ۋە يەڭگىل بولۇپ، ئۆي - سايمانلىىرنى ياساشقا مۇۋاپىق كېلىدۇ؛ تەركىبىدە تالا مول، رەڭگى سۇس بولۇپ، قەغەز ياساشقا مۇۋاپىق كېلىدۇ؛ گۈلى چوڭ بولغاچقا مەنزىرە ئۆسۈملۈكى قىلىشقىمۇ، يول ياقىلىرىغا تىكىشكىمۇ بولىدۇ. يىتىزنى ئايرىۋېلىپ كۆچۈرۈش ئارقىلىق كۆپەيتىش ئەڭ ئاسان.