Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
庞巴尔改良
دۇنيا تارىخى
پومبال ئىسلاھاتى
پورتۇگالىيە تاشقى ئىشلار ۋەزىرى، باش ۋەزىر، گراف پومبالنىڭ 1750 - 1777 - يىللىرى پورتۇگالىيە ۋە پورتۇگالىيەگە قارام برازىلىيە مۇستەملىكىسىدە يولغا قويغان ئىسلاھات. پورتۇگالىيىدە ئاساسلىقى ئەيسا مۇرىتلىرىنى قوغلاپ چىقارغان، ئەنگىلىيىلىك سودىگەرلەرنىڭ سودىسىنى يوقاتقان؛ سانائەت - يېزا ئىگىلىكىنى مۇكاپاتلاپ، مائارىپ ئىشلىرىنى تەرەققى قىلدۇرغان. پورتۇگالىيىگە قارام برازىلىيىدە ئېلىپ بارغان ئىسلاھاتنىڭ ئاساسلىق مەزمونى: ئىككى ئالىي سوت مەھكىمىسى ۋە بىر تۈركۈم ئەدلىيە كومىتىتلىرىنى تەسىس قىلىپ، توققۇز فېئودالنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، برازىلىيە مۇئاۋىن پادىشاھلىق دەرىجىسىدىكى باش ۋالىيغا قاراشلىق رايونلارنى تەسىس قىلغان شۇنىڭدەك پايتەختنى باخىيادىن رىئودې - ژانېيروغا كۆچۈرگەن؛ برازىلىيىنىڭ سودا ھوقۇقىنى مونوپول قىلىدىغان ئىككى سودا شىركىتىنى ئاچقان؛ ئەيسا مۇرىتلىرىنى قوغلىغان ۋەئىندىئانلارنى قۇل قىلىشنى مەنئىي قىلغان. بۇ تەدبىرلەر پورتۇگالىيە خان جەمەتىنىڭ تەسىرىنى كۈچەيتىپ، برازىلىيە ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرگەن. 1777 - يىلى پورتۇگالىيە كورۇلى يوسېف ئۆلگەندىن كېيىن، پومبال ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلغان، شۇنداق قىلىپ، ئىسلاھاتمۇ بارا - بارا بىكار قىلىنغان.