Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
پانفېروۋ
دائىرە: دۇنيا تارىخى潘菲洛夫
pān fēi luò fū
(1896 - 1960) سوۋېت ئىتتىپاقى يازغۇچىسى، 1926 - يىلى سوۋېت ئىتتىپاقى كوممۇنىستىك پارتىيىسى (بولشېۋىك) گە كىرگەن، ئىككىنچى نۆۋەتلىكتىن تۆتىنچى نۆۋەتلىككىچە سوۋېت ئىتتىپاقى ئالىي سوۋېت ۋەكىلى بولۇپ سايلانغان. ئۇنىڭ <بىلەي تاش كولخوزى> (تۆت قىسىم) ناملىق رومانىدا يېز ئىگىلىكىنى سوتسىيالىستىك ئۆزگەرتىش ئەھۋالى بايان قىلىنغان؛ <تىنچىلىق ئۈچۈن كۈرەش قىلايلى>، <ئازاب - ئوقۇبەت ئىچىدە ئىچىدە قالغان مەملىكەتتە> ۋە ئەڭ زور سەنئەت < دېگەن ئەسەرلىرىدە سوۋېت ئىتتىپاقى خەلقىنىڭ ۋەتەن ئۇرۇشى مەزگىلىدىكى كۈرىشى ۋە تۇرمۇشى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن. ئۇرۇشتىن كېيىن >ۋولگا دەرياسى - مېنىڭ ئانام<، >چوڭقۇر خىيال< قاتارلىق رومانلارنى ئېلان قىلغان. بۇ ئەسەرلەردە سوۋېت خەلقىنىڭ سوتسىيالىزم قۇرۇشتىكى ئەمگەك قىزغىنلىقى تەسۋىرلەنگەن. ئۇنىڭدىن باشقا دراما ۋە ئوچېرىكلارنىمۇ يازغان.
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ ئۇيغۇرچە–خەنزۇچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.
بۇ سۆز Lughet توپلىمىدىكى باشقا مەنبەلەردىمۇ ئۇچرايدۇ — تۆۋەندىكى تىزىملىكنى كۆرۈڭ.