Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
پاندىيا
دائىرە: دۇنيا تارىخى潘地亚
pān dì yà
جەنۇبىي ھىندىستاندىكى قەدىمكى دۆلەت. يېرىم ئارالنىڭ ئەڭ جەنۇىغا جايلاشقان، پايتەختى مادورا ھازىرقى ماتۇلەي. مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅴ ئەسىردە قۇرۇلغان بولسا كېرەك. ئۇنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدىكى ۋەقەلىكلەردىن مەلۇم بولغانلىرى ئىنتايىن ئاز. پادىشاھ ئاسوكا ئابىدىسىدىكى يارلىقتا ئىمپېرىيىىنىڭ جەنۇبىي چېگرىسى سىرتىدىكى بىر مۇستەقىل رايون دەپ قارالغان. مىلادىدىن ئىلگىرى Ⅰ ئەسىردە كالىنگانىڭ پادىشھى كارۋاېلا ئۇنى بويسۇندۇرغان، تەخمىنەن مىلادىدىن 20 يىل ئىلگىرى بىر ئەلچىنى قەدىمكى رىمنىڭ پادىشاھى ئۋگۇستنىڭ يېنىغا ئەۋەتكەن. تەخمىنەن 361-يىلى رىم پادىشاھى يۇلىئان تەختتە تۇرغان چاغدا يەنە رىمغا ئەلچى ئەۋەتكەن. كېيىن زاۋاللىققا يۈز تۇتقان، Ⅵ - Ⅶ ئەسىرلەردە قايتا گۈللىنىپ، كولا، جېيلو، پاناۋا قاتارلىق قوشنا دۆلەتلەرنى مەغلۇپ قىلغان؛ Ⅸ ئەسىردە سەيلون (ھازىرقى سىرىلانكا) غا تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەن. Ⅹ ئەسىردە كولا ئۇنى بويسۇندۇرغان. Ⅺ ئەسىردە يېڭىۋاستىن مۇستەقىل بولغان، ⅩⅢ ئەسىردە تازا گۈللىنىپ كەتكەن، زېمىنى شىمالدا كۇداپا، نىلورلارغىچە، جەنۇبتا سەيلونغىچە كېڭەيگەن. ⅩⅣ ئەسىرنىڭ باشلىرىدا شىمالىي ھىندىستان مۇسۇلمانلىرىنىڭ تاجاۋۇزىغا ئۇچرىغان، كۈچى زەئىپلىشىپ كەتكەن. ⅩⅥ ئەسىردە مۇنقەرز بولغان.
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ ئۇيغۇرچە–خەنزۇچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.
بۇ سۆز Lughet توپلىمىدىكى باشقا مەنبەلەردىمۇ ئۇچرايدۇ — تۆۋەندىكى تىزىملىكنى كۆرۈڭ.