Uyghurئاساسىي لۇغەت
پاناما ۋەقەسى
دۇنيا تارىخى
ئامېرىكىنىڭ پاناما قانال رايونىنى ئىگىلىۋېلىش ئۈچۈن، پانامانى كولومبىيىدىن ئايرىلىشقا قۇتراتقان سىياسىي ئۆزگىرىش. 1901-يىلى 1-ئايدا، ئامېرىكا كومبىيە دائىرىلىرى بىلەن شەرتنامە ئىمزالاپ، ئامېرىكىنىڭ قانال قېزىش ھوقۇقىغامەڭگۈلۈك ئىجارىگە بېرىش ھوقۇقىغا ئىگە ئىكەنلىكى بەلگىلەنگەندە، كولومبىيە كېڭەش پالاتاسى تەرىپىدىن رت قىلىنغان. 11-ئاينىڭ 3-كۈنى پانامادا سىياسىي ئۆزگىرىشنى بىۋاسىتە قۇتراتقۇچى، پانامىنىڭ ئامېرىكىدا يېڭىدىن تۇرۇشقا تەيىنلىگەن ئەلچىسى فىلېپپې ژېئان بۇنائۇۋارىللار (1860 - 1940) بىلەن 18-كۈنى <ئامېرىكا پاناما شەرتنامىسى> نى ئىمزالىغان. شەرتنامىدە: پاناما قانال رايونىدىكى 1.16 كىلومېتىر كەڭلىكتىكى جاينى <ئامېرىكىنىڭ مەڭگۈلۈك پايدىلىنىشىغا، ئىگىلەپ تۇرۇشىغا ۋە كونترول قىلىشىغا> ئۆتۈنۈپ بېرىلىدۇ؛ بۇ رايوندا ئامېىركا قوراللىق كۈچلەرنى ئىشلەتسە، ئىستىھكام ياسىسا ۋە ئارمىيە تۇرغۇزسا بولىدۇ، دەپ بەلگىلەنگەن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە <تەرتىپ ساقلاش> ھوقۇقىغا ئىگە بولغان. پاناما پەقەت ئامېرىكىدىن ئون مىليون ئامېرىكا دوللىرى <تۆلەم پۇلى> ئالغان، ئەمەلىيەتتە ئامېرىكىنىڭ ھامىيسىغا ئايلىنىپ قالغان.