Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
پانامادىكى سەتچىلىك
دۇنيا تارىخى
巴拿马丑闻
bā ná mǎ chǒu wén
فرانسىيىنىڭ ئۈچىنچى جۇمھۇرىيەت ۋاقتىدىكى خىيانەتچىلىك قىلىش، پارا بېرىش چوڭ دېلوسى. 1879-يىلى فرانسىيە پاناما قانىلى شىركىتى قۇرۇپ، سۈۋەيش قانىلى ئارخىتېكتورى لېسسېپىس باشقارما باشلىقى بولغان. شىركەت ھۆكۈمەتكە پارا بېرىپ، كۆپ مىقداردا پاي چېكى تارقىتىپ، تېز ۋاقىت ئىچىدىلا 1 مىليارد 500 مىليون فرانكلىق مەبلەغقە ئېرىشىۋالغان. ئەمما باشقۇرۇش ياخشى بولمىغانلىق ۋە خىيانەتچىلىك. كۆز بويامچىلىق قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن 1888-يىلى بەربات بولغانلىقىنى جاكارلىغان. 100 مىڭلىغان پايچىكلار ئىقتىسادىي جەھەتتە زور زىيانغا ئۇچرىغان. 1893-يىلى پارلامېنت سايلىمىدىن بۇرۇن، گېزت - ژۇرناللاردا شىركەت خوجايىنىنىڭ تازا بېيىپ كەتكەنلىكى ۋە يۈزلىگەن پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ، ئەمەلدارلارنىڭ پار يېگەنلىكىگە (جۇمھۇرىيەتچىلەر ۋە كېمېكېئا ئۇنى ئۆز ئىچىگە ئالغان رادىكاللارغا) ئائىت نۇرغۇن ئىچكى سىرنى پاش قىلىپ، سىياسىي جەھەتتە غۇلغۇلا قوزغىغان. ھەقىقىي ئەھۋالنى يوشۇرۇش ئۈچۈن، ھۆكۈمەت ئالدىراپ - تېنەپ شىكايەت قىلىنغان ئەمەلدارلار ۋە پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ گۇناھسىز ئىكەنلىكىنى جاكارلىغان. 1894-يىلى، شىركەت ئۆزگەرتىپ تەشكىللەنگەن؛ 1903-يىلى مەزكۇر شىركەت قانال قېزىش ھوقۇقىنى ئامېرىكىغا سېتىپ بەرگەن، كېيىن پاناما دېگەن بۇ نام ئەمەلدارلار ۋە سودىگەرلەرنىڭ تىل بىرىكتۈرۈشىدىن ئىبارەت چوڭ ئالدامچىلىقنىڭ ۋەكالەت ئىسمى بولۇپ قالغان.