Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
پان
دائىرە: دۇنيا تارىخى潘
pān
قەدىمكى يۇنان ئەپسانىسىدىكى پادىچىلار خۇداسى. كارۋان خۇداسى ھېرىمىسىنىڭ ئوغلى، ئنىڭ ئاپىسى پېنېلوپېمىش. ئادەم گەۋدىلىك، قوي پۇتلۇق، مۈڭگۈزى بار بولۇپ، دالادا ياكى تاغ ئۆڭكۈرىدە تۇرۇپ، پادىچىلار ۋە ئوۋچىلارنى قوغدىغان. مۇزىكا ۋە ئۇسسۇلنى ياخشى كۆرۈپ دائىم تاغ ئورمىنىدىكى تەڭرىچىلەرنى باشلاپ ئويۇن - تاماشا قىلغان. دەسلەپتە پەقەت ئاركادىيە (جەنۇبىي يۇنان) نىڭ يەرلىك خۇداسى بولغان. كېيىن گركلار ئۇنىڭغا كەڭ تۈردە چوقۇنغان. ئېيتىشلارغا قارىغاندا، مارفون جېڭىدە (مىلادىدىن 490 يىل ئىلگىرى) ئافىنالىقلارغا ياردەملىشىپ، پېرسىيە قوشۇنىنى مەغلۇپ قىلغانىكەن، شۇنىڭدىن باشلاپ ئافىنالىقلار ئاكروپولىسنىڭ غەربىي شىمالىدىكى تاغ ئۆڭكۈرىدە بۇتخانا سېلىپ ئۇنىڭغا نەزىر - چىراغ قىلغان ھەمدە ھەر يىلى ئۇنىڭ بايرىمىنى ئۆتكۈزگەن. ئۇ يەنە نەينى ياسىغۇچى. ئېيتىشلارغا قارىغاندا، ئۇ ئاركادىيىدىكى ساھىبجامال سىرىنكىسنى ياخشى كۆرىدىكەن، سىرىنكىس قومۇشقا ئايلىنىپ كەتكەندىن كېيىن ئۇ قومۇشتىن نەي ياساپ چالغانىكەن. قەدىمكى رىم ئەپسانىسىدە فائۇنۇس دەپ ئاتالغان.
دائىرە: دۇنيا يەر - جاي ناملىرى潘
pānDماتېماتىكا
泛的
fàn de
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ ئۇيغۇرچە–خەنزۇچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.
بۇ سۆز Lughet توپلىمىدىكى باشقا مەنبەلەردىمۇ ئۇچرايدۇ — تۆۋەندىكى تىزىملىكنى كۆرۈڭ.