Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
پالمېر تۇتقۇنلۇقى
دۇنيا تارىخى
帕尔默嫂捕
pà ěr mò sǎo bǔ
ئامېرىكا دائىرلىرىنىڭ ئىنقىلابچىلارنى بىر قېتىملىق باستۇرۇشى. روسىيە ئۆكتەبر ئىنقىلابى ۋە بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ ئاياغلىشىش تەسىرى ئاستىدا، ئامېرىكىدا سىنىپىي كۈرەشنىڭ يېڭى ۋەزىيىتى بارلىققا كەلگەن. 1919-يىلى، ئەدلىيە مىنىستىرى پالمېر (1872 - 1936) ئۇرۇش ۋاقتىدا ئېلان قىلىنغان <جاسۇسلارنى جازالاش قانۇنى> دىن پايدىلىنىپ، مەملىكەت بويىچە تەرەققىيپەرۋەرلەر پارتىيىسى ۋە ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ رەھبەرلىرىنى تۇتقۇن قىلغان. 10-ئايدا سوتسىيالىستىك ئەمگەكچىلەر پارتىيىسىنىڭ رەھبەرلىرىنى قولغا ئالغان. 11-ئايدا نيۇ - يورك ساقچىلىرى ئۆكتەبر ئىنقىلابىنى تەبرىكلەش يىغىنىغا قاتناشقان ئاممىدىن بىر قانچە يۈز كىشىنى قولغا ئالغان. 1920-يىل 1-ئاينىڭ 2-كۈنى، ئەدلىيە مىنىستىرلىكى مەملىكەت بويىچە 70 شەھەردە بىرلا ۋاقىتتا چوڭ تۇتقۇن قىلىش ئېلىپ بارغان. قولغا ئېلىنغان ئىشچىلار، كوممۇنىستلار 10000 كىشىگە يەتكەن. ئامېرىكا كومپارتىيىسى ۋە ئامېرىكا سوتسىيالىستىك ئەمگەكچىلەر پارتىيىسىنىڭ مەسئۇللىرىنىڭ كۆپىنچىسى قولغا ئېلىنغان، نۇرغۇن كىشىلەر ئۇزۇن مۇددەتلىك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان. چەت ئەل تەۋەلىكىدىكى زاتلاردىن 500 دىن ئارتۇق كىشى چېگرىدىن قوغلاپ چىقرىلغان. بۇ قېتىمقى چوڭ تۇتقۇن قىلىش تارىختا <پالمېر تۇتقۇنلۇقى> دەپ ئاتالغان.