Uyghurئاساسىي لۇغەت
پالانچى پۇستانچى
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
«پالانچى - پۇستانچى»سۆزلىگۈچى ئېيتماقچى بولغان كىشىلەرنىڭ ئىسمىنى ئاتاشنى خالىمىغان ياكى ئۇلارنىڭ ئىسمىنى بىلمىگەن شارائىتتا شۇ كىشىلەرنىڭ ئىسمى ئورنىدا ئىشلىتىلىدۇ.
سەن پالانچى - پۇستانچىلار كېلىدۇ، دېۋىدىڭ، كەلمىدىغۇ؟
سۆزلىگۈچى ئېيتىشنى ئەپ كۆرمىگەن ھاقارەت سۆزلىرى ئورنىدا ئىشلىتىلىدۇ.
سەن ئۇنى پالانچى - پۇستانچى دەپ تىللاپ يۈرسەڭ بولمايدۇ.