Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
帕拉茨基
دۇنيا تارىخى
پالاسكىي
(1798 - 1876) چېخ تارىخشۇناسى، بۇرژۇئا ھۈرىيەتچىلىرىنىڭ داھىيىسى. پروتېستانت ئائىلىسىدىن كېلىپ چىققان. خۇسۇسىي ئوقۇتقۇچى بولغان. 1848-يىلى ئاۋسترىيە ئىمپېرىيە پارلامېنتىنىڭ ئەزالىقىغا سايلانغان. شۇ يىلى سىلاۋيانلار قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى بولغان. لېكىن ئاۋسترىيەپەرەس مەيدانىدا تۇرۇپ، ئاۋسترىيە ئىمپېرىيىسىنىڭ پۈتۈنلۈكىنى ساقلاپ، ئىمپېرىيە ئىچىدە چېخ مىللىي ئاپتونومىيىسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى تەشەببۇس قىلىپ، 1848-يىلدىكى پراگا ئىيۇن مىللىي قوزغىلىڭىنى قوللىمىغان. 1852-يىلى قوشما شتات غايىسى يوققا چىققانلىقتىن، ئىستېپا بەرگەن. 1860-، 1861-يىللىرى يەنە ئاۋسترىيە كېڭەش پالاتاسىنىڭ ئۆمۈرلۈك ئەزاسى بولغان ھەمدە چېخ مىللىي پارتىيىسىنىڭ داھىيىسى بولغان. 1867-يىلى موسكۋادىكى پان سلاۋيانچىلار يىغىنىغا قاتناشقان. <بوھىمىيە مىللىي تارىخى> قاتارلىق ئەسەرلىرى بار.