Uyghurئاساسىي لۇغەت
پاڭكور شەرتنامىسى
دۇنيا تارىخى
ئەنگىلىيە بىلەن مالايا يەرلىك شتاتلىرى ئىمزالىغان تۇنجى <ھامىيلىق> شەرتنامىسى. 1874-يىلى يانۋاردا ئەنگىلىيە دېڭىز بوغۇزى مۇستەملىكىلىرىنىڭ باش ۋالىيسى ئاندرې كلاك (1824-1902) مالايا پېراك شتاتى سۇلتانىنىڭ ۋارىسلىق مەسىلىسىنى كېلىشتۈرۈش نامى بىلەن، پېراك دېڭىز بويىغا يېقىن بولغان پاڭكور ئارىلىدا يەرلىك شتاتلارنىڭ ئاقساقاللىرىنى چاقىرىپ كېلىپ سۆھبەتلىشىپ ئىمزالىغانلىقتىن، شۇنداق دەپ ئاتالغان. ئاساسىي مەزمونى: تۆۋەن پېراكلىق ئابدۇللا سۇلتان بولۇپ، ئەنگليىنىڭ پېراكتا تۇرۇشلۇق ئەمەلدارىنى قوبۇل قىلىش، دۆلەتنىڭ بارلىق كىرىمىنى يىغىش، باشقۇرۇش ۋە دۆلەتنىڭ ئادەتتىكى مەمۇرىي ئىشلىرىدا ئەنگلىيىنىڭ پېراكتا تۇرۇشلۇق ئەمەلدارىنىڭ پىكرىگە رىئايە قىلىش دېگەندىن ئىبارەت. شۇنىڭ بىلەن پېراك شتاتى بارابارا ئەنگىلىيە مۇستەملىكىچىلىرىنىڭ چاڭگىلىغا چۈشۈپ قالغان. كېيىن ئەنگىليە يەنە مالايانىڭ باشقا يەرلىك شتاتلىرنىڭ مۇشۇنداق شەرتنامىلەرنى ئىمزالاشقا مەجبورلاپ، بارابارا مالايانى ئۆزىنىڭ مۇستەملىكىسىگە ئايلاندۇرۇۋالغان.