Uyghurئاساسىي لۇغەت
پايپاققا نال قاققاندەك
مەنىداش سۆزلۈكلەر
جايىدا بولمىغان سۆز - ھەرىكەتكە ئوخشىتىش.
پايپاققا نال قاققاندەك، يوقىلاڭ گەپلەرنى قىلما. نەدىكى ئىشنى قىلىۋاتىسەن، ھۆل تامغا ئېشەك تەپكەندەك.
ئۇيغۇر تىلىدىكى تۇراقلىق ئىبارىلەر
بۇ، پەقەت جايىغا چۈشمىگەن، لايىقىدا بولمىغان، داڭقا پۇتى گەپ - سۆز، ئىش - ھەرىكەتكە قارىتىلغان ئىبارە: - ناسىر ئەپەندى ئۆز مەيلىچە ئۆزگەرتىشكە ئۇستا، شۇڭا پېقىرنىڭ سۆزىنى پايپاققا نال قاققاندەك سۆز دېمەس، - دېدى ئۇ زايىرغا.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
پەقەت جايىغا چۈشمىگەن، لايىقىدا بولمىغان؛ داڭقان پۇتى.
خۇ ئەپەندى ئۆز مەيلىچە ئۆزگەرتىشكە ماھىر، شۇڭا پېقىرنىڭ سۆزىنى پايپاققا نال قاققاندەك سۆز دېمەس.