Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
پاگانو
دۇنيا تارىخى
帕加诺
pà jiā nuò
(1748-1799) ئىتالىيىلىك قانۇنشۇناس، پەيلاسوپ ۋە مەرىپەتچىلىك ھەرىكىتىدىكى رادىكاللارنىڭ ۋەكىلى. نېئاپول ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى بولغان. <جەمئىيەتنىڭ بارلىققا كېلىش، تەرەققىيات ۋە زاۋالغا يۈز تۇتۇشنىڭ سىياسىي پروگراممىسى توغرىسىدا> ناملىق ئەسىرىدە تارىخىي تەرەققىياتنىڭ ئوبيېكتىپ قانۇنىيىتىگە دائىر ئىدىيىنى بايان قىلغان؛ قانۇنشۇناسلىق ئەسىرىدە قانۇن خەلق ئەركىنلىكىنىڭ كاپالىتى دېگەن ئىدىيىنى بايان قىلغان. فرانسىيە زور ئىنىلابىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغانلىقتىن، نېئاپولدىكى ياكوبىنچىلارنىڭ پائالىيىتىگە قاتناشقان. 1794-يىلى سوراققا تارتىلغان ۋەتەنپەرۋەرلەرنىڭ ئاقلىغۇچىسى بولغان. 1796-يىلى قولغا ئېلىنىپ، ئىككى يىلدىن كېيىن قويۇپ بېرىلگەن، رىم ۋە مىلانغا كۆچۈپ بېرىپ ئولتۇراقلاشقان. 1799-يىلى 1-ئايدا پارتېنوپا جۇمھۇرىيتى قۇرۇلغاندىن كېيىن، نېئاپولغا قايتىپ كېلىپ، جۇمھۇرىيەتنىڭ مەشھۇر پائالىيەتچىلىرىدىن بىرى بولۇپ قالغان. ۋاقىتىلىق ھۆكۈمەتنىڭ ئەزاسى، قانۇن كومېتىتىنىڭ رەئىسى بولغان ھەمدە جۇمھۇرىيەتنىڭ ئاساسىي قانۇن لاھىيىسىنى تەييارلاشقا قاتناشقان. جۇمھۇرىيەت مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن ئۆلتۈرۋېتىلگەن.