Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
پادىشاھ ۋىللىيام ئۇرۇشى
دائىرە: دۇنيا تارىخى威廉王之战
wēi lián wáng zhī zhàn
1689 - 1697-يىللىرى ئەنگلىيە بىلەن فرانسىيىنىڭ شىمالىي ئامېرىكىدىكى مۇستەملىكىلەرنى تالىشىش يولىدا ئېلىپ بارغان ئۇرۇشى (ياۋروپادا ئاۋگۇسبۇرگ ئىتتىپاقى ئۇرۇشى دەپ ئاتىغان). ئەنگلىيە كورۇلى ۋىللىيام Ⅲ (يەنى ۋىللىيام ئورانگې) ياۋروپادىكى دۆلەتلەرنىڭ ئىتتىپاقىنى تەشكىللەپ، فرانسىيە كورۇلى لۇئى ⅩⅣ نىڭ ياۋروپاغا زومىگەر بولۇشىغا قارشى تۇرغان. لېكىن فرانسىيە گراف فرونتېناكنىڭ (1620 - 1698) ئىندىئانلارنى بىرلەشتۈرۈش ئارقىلىق 1690-يىلى 2-ئايدا نيۇ - يوركتىكى ۋېكېنېكتادى دېگەن جاينى ئىشغال قىلىۋالغان. ئەنگلىيىنىڭ قايتۇرما ھۇجۇمى مەغلۇپ بولغان. 1697-يىلى ئىككى تەرەپ <رىجىسۋىك سۈلھ شەرتنامىسى> نى ئىمزالىغان، ئەنگلىيە فرانسىينىڭ ئۇرۇش داۋامىدا ئىگىلىۋالغان رايونلىرىنىڭ فرانسىيىگە مەنسۇپ بولىدىغانلىقىنى ئېتىراپ قىلغان شۇنىڭدەك ئەنگلىيە بېسىۋالغان رويال پورتىنى فرانسىيىگە قايتۇرۇپ بەرگەن
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ ئۇيغۇرچە–خەنزۇچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.
بۇ سۆز Lughet توپلىمىدىكى باشقا مەنبەلەردىمۇ ئۇچرايدۇ — تۆۋەندىكى تىزىملىكنى كۆرۈڭ.