Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
پادىشاھ جىلغىسى
دۇنيا تارىخى
国王山谷
guó wáng shān gǔ
گۆرۈستانلىق دەپمۇ ئاتىلىدۇ. قەدىمكى مىسىر يېڭى پادىشاھلىق دەۋرىدىكى فىرئەۋىنلەرنىڭ قەبرىستانلىقى. ئورنى يۇقىرى مىسىردىكى لۇكسورنىڭ نېرىقى قىرغىقىغا 10 كىلومېتىر كېلىدىغان جايدىكى تېببىس جىلغىسىدا، يېڭى پادىشاھلىق دەۋرىدە، فىرئەۋىنلەرنىڭ نەزىرچىراغ ئىبادەتخانىسى بىلەن قەبرىسى ئايرىپ ياسىتىلغان، نەزىرچىراغ ئىبادەتخانىسى نىل دەرياسى جىلغىسىغا ياسالغان، قەبرىسى ئوغرىلىنىپ كىتىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن، نىسبەتەن يىراق جايدىكى تار سايغا ياسالغان. 18-سۇلالىنىڭ فىرئەۋىنى تۇتمۇس Ⅰ(تەخمىنەن مىلادىدىن 1525-1512-يىل ئىلگىرى تەختتە ئولتۇرغان) تۇنجى قېتىم جىلغىدا قەبرە ياساتقاندىن تارتىپ، 20-سۇلالىنىڭ ئاخىرقى ئەۋلاد پادىشاھى رامسېس Ⅺ(مىلادىدىن 1113-1085 يىل ئىلگىرى تەختتە ئولتۇرغان)گىچە بولغان يېڭى پادىشاھلىق دەۋرىدىكى فىرئەۋىنلەر قەبرىسىنىڭ ھەممىسى دىگۈدەك بۇ جايغا ياسىتىلغان. جەمئىي 62 قەبرە بولۇپ، تۆتى غەربىي جىلغىغا، قالغىنى شەرقىي جىلغىغا جايلاشقان. قەبرەتاش ئۆڭكۈر قەبرە بولۇپ، ئۇ پەلەمپەي، كارىدور، لەھەت، ۋە ئىككى تەرەپتىكى ئۆي قاتارلىقلاردىن تەشكىل تاپقان. بەزى قەبرىلەرنىڭ يېرىم يولىدا ئورا كولاپ قويۇلغان. قەبرىنىڭ تەكشى يۈزىنىڭ تۈزۈلۈشى Lھەرپى شەكلىدە بولۇپ، 81-سۇلالىنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدىن باشلاپ تۈز سىزىق شەكلىگە ئۆزگەرتىلگەن. لەخمىنىڭ تاشتاملىرى ۋە لەھەت تاملىرىغا نەقىش ۋە تەسۋىرىي يېزىق ئويۇلغان. دىن، تۇرمۇش، ئوۋ ئوۋلاش تېما قىلىنغان نەپىس تام رەسىملىرى ۋەرەڭلىك قاپارتما نەقىشلەرمۇ بار. تۇتىنكاموننىڭ قەبرىسىدىن باشقا كۆمۈلگەن نەرسىلەردىن تېپىلغىنى ناھايىتى ئاز. يېقىن ئەتراپىدا<خانىكە جىلغىسى>بولۇپ، ئۇنىڭدا جەمئىي75 قەبرە بار. ئۇنىڭ كۆپ قىسمى 19-، 20-خاندانلىقنىڭ خانىكلىرى ۋە بانولىرىنىڭ قەبرىسى. ئۇنىڭ تۈزۈلۈشى فىرئەۋىنلەرنىڭ قەبرىسىگە قارىغاندا ئاددى. بۇنىڭ ئىچىدە مىسىر تارىخىدا مەشھۇر بولغان ئايال پادىشاھ خاتشېپسۇتنىڭ قەبرىسى بار. بۇ قەبرىلەر بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغان بولسىمۇ، ھازىر يەنىلا ئەينى زاماندىكى مىسىر تاش قەبرىسىنىڭ كۆلىمىنى ۋە كامالەتكە يەتكەن سەنئەت سەۋىيىسىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.