Uyghurئاساسىي لۇغەت
پادېرى ئۇرۇشى
دۇنيا تارىخى
مىناڭكا باۋ ئۇرۇشى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. 1822-1837-يىللىرى مۇماترانىڭ مىناڭكاباۋ رايونىدىكى پادېرى مۇرىتلىرىنىڭ گوللاندىيە مۇستەملىكىچىلىرىگە قارشى مىللىي ئۇرۇشى. رەھبىرىئىمام، بوندجول. پادېرى مەزھىپى ئىسلام دىنىنى ساپلاشتۇرۇپ، مۇرىتلارنىڭ تاماكا چېكىش، ھاراق ئىچىش ۋە قىمار ئوينىشىغا يول قويماسلىقنى، ئاياللارنىڭ چۈمبەل تارتىشىنى تەشەببۇس قىلاتتى. پادېرى مەزھىپى ئۆز تەشەببۇسلىرىنى قورال كۈچى ئارقىلىق يولغا قويۇپ، بوندجولدا ھاكىمىيەت ئورناتقان. 1822-گوللاندىيە مۇستەملىكىچىلىرى سۇماترانىڭ ئوتتۇرا قىسمىغا كېڭىيىش ئۈچۈن، مىناڭكاباۋخان جەمەتلىرى بىلەن شەرتنامە تۈزۈپ، بىرلىكتە پادېرى ھەرىكىتىنى باستۇرغان. گوللاندىيە قوشۇنلىرى ھۇجۇمغا ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچراپ، ئىككى تەرەپ تىركىشىپ قالغان. 1825-يىلى دىپونېگورو ئۇرۇشى پارتلىغاندىن كېيىن، گوللاندىيە مۇستەملىكىچىلىرى پادېرى ھەرىكىتى بىلەن سۈلھ قىلىشقا مەجبور بولغان. 1833-يىلى گوللاندىيە كىلىشىمىنى يىرتىپ تاشلاپ، قايتىدىن ھۇجۇمغا ئۆتكەن. 1837-يىل 8-ئايدا، گوللاندىيە بوندجولنى ئىستىلا قىلىپ، ئىمام بوندجولنى قولغا ئېلىپ، ئامبېئونغا سۈرگۈن قىلغان، شۇنىڭ بىلەن قوزغىلاڭ مەغلۇپ بولغان.