Uyghurئاساسىي لۇغەت
پادرىيە ھەرىكىتى
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
يېقىنقى زاماندا ھىندونېزىيىنىڭ سۇماتېرا رايونىدا يۈز بەرگەن ئىسلام دىنىنى ئىسلاھ قىلىش ھەرىكىتى كۆزدە تۇتۇلىدۇ. بۇ ئىسىم گوللاندىيە تىلىدىكى (پوپ) دېگەن ئاتالغۇدىن كەلگەن. گوللاندىيىلىكلەر ئىسلاھاتقا رەھبەرلىك قىلغۇچىنى پوپ دەپ قارىغانلىقتىن شۇنداق دېيىلگەن. يەنە بىر رىۋايەتتە ئاتسېخ رايونىدىكى پادرى پورتى دېگەن سۆزدىن كەلگەن دېيىلىدۇ. چۈنكى ئىسلاھاتقا رەھبەرلىك قىلغۇچىلار مەككىدە ھەج تاۋاپ قىلىپ مۇشۇ پورت بىلەن قايتىپ كېلىدۇ. تەخمىنەن 1803 - يىلى مەككىگە بېرىپ ھەج قىلىپ كەلگەن ئۈچ نەپەر ھاجى ۋەھھابىيلارنىڭ تەسىرگە ئۇچراپ سۇماتېرانىڭ ئوتتۇرا شەرقىي قىسمىدىكى رايوندا دىنىي ئىسلاھات ھەرىكىتى قوزغاپ، ئېتىقادىنى پاكلاشتۇرۇشنى، ئىسلام دىنىنىڭ قائىدە - يوسۇنلىرىغا قاتتىق ئەمەل قىلىشنى؛ قىمار ئويناش، تۇخۇ سوقۇشتۇرۇش، ئەپيۇن چېكىش، ھاراق ئىچىشتەك يامان ئادەتلەرنى چەكلەشنى تەشەببۇس قىلدى، شۇ جەرياندا داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان ئانا ۋارىسلىق قىلىش تۈزۈمىنى ئۆزگەرتتى. كېيىن تەشەببۇسنى جىھاد ئارقىلىق يولغا قويدى، 1815 - يىلىغا كەلگەندە يەرلىكتىكى نۇرغۇن فېئودال بەگلەر ئۆلتۈرۈلدى. بۇ ھەرىكەت ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلمايدىغان جەنۇبتىكى باتاكلار ئولتۇراقلاشقان رايونغا چوڭقۇرلىدى. 1820 - يىلى ئەنگلىيە قوشۇنى چېكىنگەن پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ گوللاندىيە قوشۇنى پاداڭ رايونىغا قايتىپ كەلدى. مەغلۇپ قىلىنغان فېئودال ئاقسۆڭەكلەر گوللاندىيىلىكلەردىن مەدەت تىلىدى. 1821 - يىلى ئىككى تەرەپ كېلىشىم تۈزۈپ، مىنانكابونى گوللاندىيىلىكلەرگە ئۆتكۈزۈپ بەردى. ئارىدىن كۆپ ئۆتمەي، گوللاندىيە قوشۇنى پادرىيە ھەرىكىتىگە ھۇجۇم قىلدى. بۇ ئۇرۇش تارىختا <پادرى ئۇرۇشى> (1821 - 1838) دەپ ئاتالدى، ھەرىكەت ئاتىسېخ مۇسۇلمانلىرىنىڭ قوللىشى ئارقىسىدا قەيسەرلىك بىلەن جەڭ قىلدى. لېكىن 1832 - يىلى ئېغىر تالاپەتكە ئۇچرىدى. گوللاندىيە ئارمىيىسى دېڭىز ياقىسىدىكى پورتلارنى قامال قىلىپ، پادرىلارنىڭ دېڭىز يولىدىكى سودىسىنى ئۈزۈۋەتتى. پادرى قوشۇنىنىڭ ھەربىي قەلئەسى بونجۇل قولدىن كەتتى. ھەرىكەت مەغلۇپ بولدى. ھەرىكەتكە رەھبەرلىك قىلغان بونجۇلنىڭ ئىمامى باشقا جايلاردا مۇساپىر بولۇپ يۈردى.