Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
帕蒂尼奥
دۇنيا يەر - جاي ناملىرى
pà dì ní ào
پاتىنىئو
دۇنيا تارىخى
پاتىنو
(1860 - 1947)بولىۋىيە قەلەي كېنىنىڭ خوجايىنى. ئاتابوۋىسى ئىندىئان - ياۋرۇپا مېتىسلىرىدىن. ياش ۋاقتىدا دۇكان خىزمەتچىسى بولغان، كېيىن بىركاننىڭ قەرز ئىگىدارلىق ھوقۇقىنى قۇبۇل قىلىپ، تەدرىجىي ھالدا قەلەي كېنىنى ئېچىش ئىنژېنېرىغا ئايلانغان. ⅩⅩئەسىرنىڭ باشلىرىغا كەلگەندە مىليونېر بولغان. كۆپ ئۆتمەي ياۋرۇپاغا بېرىپ پائالىيەت ئېلىپ بارغان. 20-يىللاردا، پۈتۈن مەملىكەتتىكى قەلەي كان ئىشلەپچىقىرشىنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكىنى كونترول قىلىپ، بولىۋىيە قەلەي كانلىرىنىڭ ئۈچ چوڭ خوجايىنى (باشقا ئىككىسى ئارامايو ۋە خوخچىلدتىن ئىبارەت)نىڭ بىرىگە ئايلانغان، ئامېرىكا، شۋېتسارىيە ۋە چىلى كاپىتالى بىلەن زىچ مۇناسىۋەت ئورنىتىپ، دۆلەتنىڭ مەنپەئىتىگەقارىماي، پايدا قوغلىشىپ، بولىۋېيىنىڭ سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي تۇرمۇشىغا تەسىر كۆرسەتكەن. 1924-يىلى ۋەتىنىگە قايتىپ كەلگەن، ئۇزۇن ئۆتمەي يەنە فرانسىيەدە ئولتۇراقلىشىپ قالغان. 1940-يىلى نيۇيوركقا كۆچۈپ بېرىپ كېيىن شۇ جايدا ئۆلۈپ كەتكەن.