Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
پادىچىلار قوزغىلىڭى
دائىرە: دۇنيا تارىخى牧人起义
mù rén qǐ yì
Ⅷئەسىردىن ⅣⅩئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىغىچە فرانسىيە بىلەن فلاندىريىدىكى دېھقانلار ۋە شەھەر خەلقىنىڭ فېئودالىزمغا قارشى قوزغىلىڭى. قوزغىلاڭنىڭ رەھبەرلىرى ئۆزىنى خۇدانىڭ <پادىچىلىرى>دەپ ئاتىغاچقا شۇنداق دەپ ئاتالغان. 1214-يىلى تۇنجى قېتىم كۆتۈرۈلگەن. 1251-يىلىدىكى قوزغىلاڭنىڭ كۆلىمى ئەڭ چوڭ بولۇپ،ۋېنگرىيىدىن كەلگەن ئاقساقال ياك رەھبەرلىك قىلغان. قوزغىلاڭچىلار قوشۇنى فلاندرىيە ۋەپىكاردى (فرانسىيەنىڭ شىمالىي قىسمىغا جايلاشقان)دىن يۈرۈش قىلىپ پارىژنى ئىشغال قىلىپ، كېيىن جەنۇبتا ئورلىئان ۋە تۇلغا يۈرۈش قىلغان. قوزغىلاڭچىلار يول بويى فېئودال قورغۇنلارغا ھۇجۇم قىلىپ، فېئوداللار بىلەن مىسسىئونېرلارنى ئۆلتۈرگەن. كېيىن كورۇل ئارمىيىسى تەرىپىدىن باستۇرۇلغان، ياك قۇربانبولغان. 1320-يىلى فلاندرىيەدە يەنى يېڭى قوزغىلاڭ پارتلاپ فرانسىيەنىڭ جەنۇبىغا تېزلىكتە كېڭەيگەن، بۇ قوزغىلاڭمۇ مەغلۇپ بولغان.
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ ئۇيغۇرچە–خەنزۇچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.
بۇ سۆز Lughet توپلىمىدىكى باشقا مەنبەلەردىمۇ ئۇچرايدۇ — تۆۋەندىكى تىزىملىكنى كۆرۈڭ.