Uyghurئاساسىي لۇغەت
پا
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
«پاي» غا قاراڭ.
خىرامىڭ چاغى لۇتف ئەيلەپ نە بولغاي پايمال ئەتسەڭ،
ماڭا بەسكىم تەمەننادۇر كويۇڭدا خاكى پا بولماق.
ئەرشى.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
پاي، ئاياق، پۇت، تاپان: ئۇل، تەگ، ئاست؛ تاغ باغرى. شېئىردا مۇنداق كەلگەن: كۆرۈبان بەزى ئاشىقلاركى ھەلقە - ھەلقە زۇلفۇڭنى، ئەزەلدىن بىرگە سالغان بۇ ھەمە زەنجىرى پادەرلەر. (زەلىلى)
قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرى
پارچىلىماق، بۇزماق
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىملىق سۆز
ئوت ۋە باشقا قىزىق نەرسىدە قاتتىق كۆيگەنلىك ئىماسىنى ئىپادىلەيدۇ.
پاتىگۈل كۆيۈككە چىدىيالماي <پ> دەپ ۋارقىرىۋەتتى.