Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
欧洲安全与合作会议
دۇنيا تارىخى
ياۋروپا بىخەتەرلىك ۋە ھەمكارلىق يىغىنى
قىسقارتىلىپ ئاتىلىشى ياۋوپا بىخەتەرلىك يىغىنى. بۇ يىغىنغا ياۋروپادىكى 31 دۆلەت ۋە تۈركىيە، سىپروس، ئامېرىكا، كانادا قاتناشقان. 1964 - يىل 12 - ئاينىڭ 14 - كۈنى ب د ت نىڭ 19 - نۆۋەتلىك يىغىنىدا سوۋېت ئىتتىپاقى بۇ يىغىننى چاقىرىش تەكلىپىنى پولشا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئارقىلىق ئوتتۇرىغا قويغان. 1972 - يىلى 11 - ئايدىن 1973 - يىلى 6 - ئايغىچە فىنلاندىيىنىڭ پايتەختى خېلسىنكىدا 15 دۆلەتنىڭ باش ئەلچى دەرىجىلىك ۋەكىللىرى تەييارلىق يىغىنى ئۆتكۈزگەن. رەسمىي يىغىن 1973 - يىلى 7 - ئايدا باشلانغان، تەييارلىق يىغىنى تۈزۈپ چىققان <خېلسىنكى ئاخىرقى تەكلىپى ھەققىدىكى كۆك تاشلىق كىتاب> نىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن، يىغىن ئۈچ باسقۇچقا بۆلۈپ ئۆتكۈزۈلگەن. بىرىنچى باسقۇچ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى يىغىنى بولۇپ، تەييارلىق يىغىنى ئوتتۇرىغا قويغان كۈنتەرتىپنى ماقۇللىغان ھەمدە ھەر كىم ئۆزىنىڭ ھەرقايسى مەسىلىلەرگە بولغان ئاساسىي مەيدانىنى بايان قىلغان؛ ئىككىنچى باسقۇچى مۇتەخەسسىسلەر يىغىنى بولۇپ، ماھىيەت خاراكتېرلىك مۇنازىرە ئېلىپ بېرىلغان، 35 دۆلەتنىڭ ۋەكىللىرى 2400 نەچچە قېتىم يىغىن ئېچىپ، ئىككى يىلغا يېقىن ۋاقىت ئىچىدە <ئاخىرقى ھۆججەت> نى تۈزۈپ چىققان؛ ئۈچىنچى باسقۇچ باشلىقلار يىغىنى بولۇپ، 1975 - يىل 7 - ئاينىڭ 30 - كۈنىدىن 8 - ئاينىڭ 1 - كۈنىگىچە ئېچىلىپ، <ئاخىرقى ھۆججەت> كە ئىمزا قويۇلغان. ئۇنىڭ مەزمونى تۆت قىسىمغا بۆلۈنىدۇ (<تۆت سېۋەت> دەپمۇ ئاتىلىدۇ)، يەنى ياۋروپا بىخەتەرلىكىدە ئىقتىسادىي، ئىلىم - پەن، تېخنىكا ۋە مۇھىت جەھەتتە ھەمكارلىشىش؛ خادىم، پىكىر ۋە مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش؛ بىخەتەرلىك ۋە ھەربىي ھازىرلىقلارنى قىسقارتىش مەسىلىسى؛ يىغىننى داۋاملاشتۇرۇش مەسىلىسى. ھۆججەت تولىمۇ ئۇزۇن ھەم مەزمونىنىڭ تايىنى يوق بولغاچقا، ھەرقايسى دۆلەتلەرگە قارىتا چەكلەش كۈچى بولمىغان. <ياۋروپا بىخەتەرلىك يىغىنى> نىڭ بىرىنچى قېتىملىق داۋاملاشتۇرۇلغان يىغىنى 1977 - يىلى 10 - ئايدىن 1978 - يىلى 3 - ئايغىچە بېلگرادتا ئېچىلىپ كېلىشىم ھاسىل قىلىنمىغان، پەقەت مۈجمەل يىغىن ئاخباراتىلا ماقۇللانغان. ئىككىنچى قېتىملىق داۋملاشتۇرۇلغان يىغىنى 1980 ـ يىلى 11 - ئايدا ئىسپانىيىنىڭ پايتەختى مادرىدتا چاقىرىلغان، پىكىر ئىختىلاپى تۇغۇلغاچقا يىغىن توختىتىپ تۇرۇلغان، يىغىن ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەندىن كېيىن ماھىيەتلىك مەسىلىدە ئىلگىرىلەش ھاسىل قىلالمىغان. 1982 - يىلى 2 - ئايدا پولشا مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلغان ھالدا كەسكىن بەس - مۇنازىرە ئېلىپ بېرىلغان.