Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
欧伊米亚康
دۇنيادىكى شەھەرلەر
ئويمياكون
سوۋېت ئىتتىپاقى شەرقىي سىبىرىيىسىنىڭ ئويمياكون ئويمانلىقىدىكى بىر يېزا بولۇپ، ئىندىگىركا دەرياسىنىڭ يۇقىرى ئېقىنىغا، سۇنىتار - خاياتا تېغى بىلەن تاس - كېستابېتا تېغىنىڭ ئوتتۇرىسىغا جايلاشقان. بۇ ئورۇن كىچىك بىر يېزا بولسىمۇ، ھاۋاسىنىڭ سوغۇقلۇقى بىلەن دۇنياغا مەشھۇر. بۇ جاينىڭ ھەر يىلى 12 - ئايدىن ئىككىنچى يىلى 1 - ئايغىچە بولغان ئارىلىقتىكى ئوتتۇرىچە ھاۋا تېمپېراتۇرىسى -45℃ بولىدۇ، ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرىسى -71℃ قا چۈشىدۇ. شۇڭا بۇ ئورۇن شىمالىي يېرىم شارنىڭ سوغۇق قۇتۇپلىرىنىڭ بىرى دەپ ئاتىلىدۇ.