Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
偶蹄目
دائىرە: ئۇنىۋېرسالǒu tí mù
ئاچا تۇياقلىقلار ئەترىتى
دائىرە: بىئولوگىيەئاچا تۇياقلىقلار ئەترىتى
بۇ ئەترەتتىكىلەرنىڭ كۆپچىلىكى ئوت - چۆيەيدىغان تۇياقلىق ھايۋانلار. ئۇلارنىڭ ئۈچىنچى ۋە تۆتىنچى تۇياقلىرى ئالاھىدە تەرەققىي قىلغان، ئۇزۇنلۇقى تەڭ، ئېغىرلىقى شۇ تۇياقلىرىغا باراۋەر چۈشىدۇ. ئۇلارنىڭ بىرىنچى بارمىقى پۈتۈنلەي رودىمېنتلاشقان، ئىككىنچى ۋ بەشىنچى بارماقلىرى تەرەققىي قىلمىغان ياكى يوقالغان بولىدۇ. ئۇلارنىڭ بارماقلىرى جۈپ بولغاچقا شۇنداق ئاتالغان. تاياسسۇ ئائىلىسىدىكى (Tayassuidae) بىر قانچىسىنىڭ كەينى پۇتى ئۈچ بارماقلىق. چوشقا، تۆگە ۋە بۇغا ئائىلىسىدىكى بەزى تۈرلىرىدىن باشقىلىرىنىڭ ھەمىسىنىڭ بېشىدا ماڭلاي سۆڭىكىدىن ئۆسۈپ چىققان بىر جۈپ سۆڭەك مۈڭگۈزى بولىدۇ. ئادەتتە ئۈستۈنكى كۈرەك چىشى رودىمېنتلاشقان ياكى يوقالغان، ئېزىق چىشىنىڭ تۈزۈلۈشى مۇرەككەپ بولۇپ، ئوت - چۆپ يېيىشكە ماسلاشقان. ئۇلار ئاۋسترالىيىدىن باشقا دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا تارقالغان بولۇپ، نۇرغۇنلىغان ئاساسلىق ئۆي ھايۋانلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئۇلارنىڭ ئىقتىسادىي ئەھمىيىتى ناھايىتى زور. ئۇلار ئوتتۇرا، چوڭ تىپتىكى قۇرۇقلۇقتا ياشايدىغان سۈت ئەمگۈچى ھايۋانلاردىن بولۇپ يۈگۈرۈشكە ماھىر. ئۇلار ئىككى كەنجى ئەترەتكە بۆلۈنىدۇ؛ كۆشىمەيدىغانلار كەنجى ئەترىتى، بۇ چوشقىلار ئائىلىسى (Suidae) ۋە بېگېموت (سۇ ئېتى ياكى گىپپوپوتاملار ئائىلىسى Hippopotamidae) قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئۇلارنىڭ ئېزىق چىشىدا ئۆسمىسى بولىدۇ، كۈرەك چىشى چوڭ ھەمدە داۋاملىق ئۆسىدۇ، قېرىننىڭ تۈزۈلۈشى ئاددىي بولۇپ كۆشىمەيدۇ؛ كۆشەيدىغانلار كەنجى ئەترىتى، ئاشقازىنىنىڭ تۈزۈلۈشى مۇرەككەپ 3 - 4 خانىلىق بولۇپ كۆشەيدۇ، بۇنىڭدا <تۆگە ئائىلىسى> (Camelidae)، بۇغىلار ئائىلىسى (Cervidae)، زىراپىلەر ئائىلىسى ( Giraffidae)، كالىلار ئائىلىسى ( Bevidae) قاتارلىقلار بار.
GetWord كۇللىياتى
ئاھاڭ: 8ǒu tí mù
ئاچا تۇياقلىقلار ئەترىتى
ئاچا تۇياقلىقلار
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ خەنزۇچە–ئۇيغۇرچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.
بۇ سۆز Lughet توپلىمىدىكى باشقا مەنبەلەردىمۇ ئۇچرايدۇ — تۆۋەندىكى تىزىملىكنى كۆرۈڭ.