Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
偶然识记
پسىخولوگىيە
تەسادىپىي ئەستە قالدۇرۇش
بۇ يەنە «ئاڭسىز ئەستە قالدۇرۇش»، «ئىختىيارسىز ئەستە قالدۇرۇش» دەپمۇ ئاتىلىدۇ. مۇنداق ئەستە قالدۇرۇش مەقسەتسىز، ھېچقانداق تىرىشچانلىقسىز ئەستە قالدۇرۇشتىن ئىبارەت. تەسادىپىي ئەستە قالدۇرۇش رۇشەن تاللاشچانلىققا ئىگە. ئۇ ئالدى بىلەن ئوبيېكتنىڭ خاراكتېرىگە باغلىق، كىشىنىڭ قىزىقىشىنى ئوڭاي قوزغايدىغان، ئوڭاي دىققەتنى جەلب قىلىدىغان ئوبيېكتلار تەسادىپىي ئەستە قالدۇرۇشقا سەۋەب بولىدۇ. تەسادىپىي ئەستە قالدۇرۇش بىر خىل پاسسىپ ئەستە قالدۇرۇشتۈر. گەرچە ئۇ كىشىلەرنىڭ تۇرمۇش، ئۆگىنىش ۋە خىزمەتلىرىدە مەلۇم ئەھمىيەتكە ئىگە بولسىمۇ، لېكىن كىشىلەر تۇرمۇش، ئۆگىنىش ۋە خىزمەتلىرىدە يالغۇز بۇ خىل ئەستە قالدۇرۇشقىلا تايانسا بولمايدۇ.