Uyghurئاساسىي لۇغەت
نىزارىيە
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
شىئە مەزھىپىدىكى ئىسمائىلىيەنىڭ تارماقلىرىدىن بىرى بولۇپ، ئۇلار ئۆزىنى <يېڭى تەبلىغاتچىلار> دەپ ئاتالغانلىقتىن، تارىخشۇناسلارمۇ ئۇلارنى <يېڭى ئىسمائىلىيەلەر> دەپ ئاتايدۇ. غەرب ئالىملىرى ھەششاشۇنچىلار دەپ ئاتايدۇ. بۇ مەزھەپ Ⅺ ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرى پرسىيە ۋە سۈرىيە رايونىدا شەكىللەندى. بۇ مەزھەپنى تۈركىي قوۋمىدىكى پارس ھەسەن ئىبنى سابباھ (؟ - 1124) قۇردى. ئۇلار قەستلەپ ئۆلتۈرۈشنى ۋاستە قىلدى. ھەسەن ئىبنى سابباھ ئىسمائىلىيە مەزھىپىنىڭ مۇخلىسى بولۇپ، باتىنىيە ئەقىدىسىگە ئەمەل قىلىپ، پرسىيىدە ئىسمائىلىيەلەرنىڭ مەخپىي تەلىغات پائالىيەتلىرىگە قاتناشقان. كېيىن قاھىرەگە بېرىپ، ئىسمائىلىيەلەر باش ئىشتابىنىڭ تەربىيىسىنى ئېلىپ، فاتىمىيە سۇلالىسىنىڭ خەلىپىسى مۇستەنسىر (1035 - يىلىدىن 1094 - يىلىغىچە تەختتە ئولتۇرغان) نىڭ بۇ مەزھەپكە ئىمام بولۇشىنى ھىمايە قىلغان. كېيىن فاتىمىيەلەرنىڭ دائىسى سۈپىتى بىلەن پرسىيىگە يېنىپ كېلىپ، ئاشكارا تەبلىغ قىلىپ، مۇرت قوبۇل قىلدى. ئۇ مۇخلىسلىرىنى باشلاپ، 1090 - يىلى پرسىيىدىكى كازۋان شەھىرىنىڭ شەرقىي شىمالىدىكى ئەلۇمۇت قەلئەلسىنى ئىشغال قىلىۋالغاندىن كېيىن، شۇ يەرنى بازا قىلىپ، ھەربىي تەلىم - تەربىيە ئېلىپ بېرىپ، پىدائىيلارنى تەشكىللەپ تۆت قېتىم تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلىپ، بىر نەچچە تاغدىكى مۇھىم قەلئەلەرنى ئىشغال قىلىۋالدى ھەمدە سىياسىي رەقىبلىرىنى ۋە ئۆكتىچىلەرنى قەستلەپ ئۆلتۈردى. سىرتقا ئەۋەتىلگەن پىدائىيلار قەستلەپ ئۆلتۈرۈشكە كىرىشتىن ئىلگىرى ھەشىش (نەشە) چەكتى. شۇڭا ياۋروپادا ئۇلار ھەششاشۇنچىلار دەپ ئاتالدى.
مۇستەسىر 1904 - يىلى ۋاپات بولغاندىن كېيىن، باش ۋەزىر ئېفدال ھىيلىگەرلىك قىلىپ، مۇستەسىرنىڭ چوڭ ئوغلىنى بىر چەتكە قايرىپ قويۇپ، كىچىك ئوغلى مۇستەئىلنى خەلىپىلىك تەختىگە چىقاردى. چوڭ ئوغۇل نىزار چەتكە قېقىلغاندىن كېيىن ئىسكەندىرىيىگە بېرىپ، قوشۇن باشلاپ، قارشىلىق كۆرسىتىپ، ئۇرۇشتا يېڭىلىپ ئەسىر چۈشۈپ قېلىپ تۈرمىدە زەھەرلەپ ئۆلتۈرۈۋېتىلدى. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن مىسىردىكى ئىسمائىلىيەلەرنىڭ ھۆكۈمرانلىق گۇرۇھىدا پارچىلىنىش بولۇپ، ئىككى مەزھەپ شەكىللەندى. بىر تەرەپ مۇستەئىلنىڭ ئىمام بولۇشىنى ياقىلىدى. يەنە بىر تەرەپ نىزارىنىڭ ئىمام بولۇشىنى ياقىلىدى. لېكىن، ھۆكۈمەت تەرىپىدىن باستۇرۇلدى. ھەسەن بىننى سابباھ باشچىلىقىدىكى پرسىيە ۋە سۈرىيىنىڭ ئىسمائىلىيەلىرى نىزارغا سادىق بولىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. نىزارىنىڭ نارسىدە ئوغلىنى ھەسەن بىننى سابباھ مەخپىي تەربىيىلەپ، <خوجا> (تەبلىغات داھىيىسى) دەپ ئاتىدى. ئۇنى نىزارىيىنىڭ داھىيىسى قىلىپ، نىزارىيە مەزھىپىنى قۇردى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئارامۇت قەلئەسىدىن سۈرىيىگە مەخپىي ئەلچى ۋە دائىلارنى ئەۋەتىپ شۇ يەردىكى نىزارىيە مۇخلىسلىرىنى تېررورلۇق پائالىيەتلىرى بىلەن شۇغۇللىنىشقا ئويۇشتۇردى. ھەسەن بىننى سابباھ پرسىيىدىكى بەزى فېئوداللارنىڭ قوللىشى بىلەن ئىگىلىگەن قەلئەلەرنىڭ يېنىدىكى رايونلارنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، نىزارىيەنىڭ ھاكىمىيەت بىلەن دىن بىرلەشتۈرۈلگەن ئىمام دۆلىتىنى قۇردى، بۇ دۆلەت جۇڭگو تارىخىدا <مۇنەييى دۆلىتى> دەپ ئاتالدى. ئۇلار سۈننىي مەزھىپىگە ئەمەل قىلىدىغان سالجۇقىيلار سۇلالىسى بىلەن قارشىلاشتى. كاسپىي دېڭىزىنىڭ ياقىسىدىن پرسىيە ئېگىزلىكىگە بارىدىغان كارۋان يولىنى بوغۇۋېلىپ، سالجۇقىيلار سۇلالىسىنىڭ قوشۇنىغا ھۇجۇم قىلدى ھەمدە قوزغىلاڭ كۆتۈرگەن دېھقانلارنىڭ كۈچىدىن پايدىلىنىپ، كۈچىنى ۋە زېمىننى كېڭەيتتى. ئۇلار 1092 - يىلى سالجۇقىيلار سۇلالىسىنىڭ باش ۋەزىرى نىزام مۈلكنى قەستەل ئۆلتۈرۈۋەتتى. شۇ يىلى سۇلتان مالىكشاھ قوشۇنىنىڭ ھۇجۇمىنى مەغلۇپ قىلىپ، پرسىيىدىكى قۇدرەتلىك كۈچ بولۇپ قالدى.
Ⅺ ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرى ئەھلىسەلىب سۈرىيىگە تاجاۋۇز قىلغاندىن كيىن، جەمئىيەت قالايمىقانلىشىپ كەتتى. مىسىر ۋە پرسىيىدىكى نىزارىيەنىڭ دائىلىرى بۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، كۈچىنى سۈرىيىگە، ئىراققا ۋە لىۋاننىڭ تاغلىق رايونلىرىغا كېڭەييتى. Ⅻ ئەسىرنىڭ باشلىرىدا بۇ مەزھەپ ھەلەيتە دائىلار ئۇيۇشمىسى ۋە پىدائىيلار تەشكىلىي قۇردى. شىئە مەزھىپىدىكى نۇرغۇن مۇخلىسلار بۇ تەشكىلگە قاتناشتى. يەرلىك ئەمىر رىدۋان ئىبنى تۇدۇش (؟ - 1113) مۇ بۇ مەزھەپكە كىردى ھەمدە بۇ مەزھەپتىن پايدىلىنىپ، سىياسىي رەقىبىنى ئۆلتۈردى. دەمەشىقنىڭ ئەمەلدارى تۇغتېل 2611 - يىلى بۇ مەزھەپنى رەسمىي ئېتىراپ قىلدى ھەمدە ئەھلىسەلىبنىڭ ئالدىنقى قاراۋۇل بازىسى بولغان نىياس قەلئەسىنى ئۇلارغا ساقلاتقۇزدى. 1140 - يىلىغىچە نىزارىيە نۇسەيرىيە تېغىنىڭ شەرقىي تەرىپىدىكى بەزى جايلارنى ۋە سۈرىيىنىڭ شىمالىدىكى كەخفەھ، قەدمۇس، ئۇرەيق قاتارلىق جايلاردىكى قورغانلارنى ئىگىلىدى. شەيخ راشىدىن سىنان (؟ - 1192) بۇ مەزھەپنى ئۆزگەرتىپ تەشكىللىدى. بۇ مەزھەپ ئۆزگىرىشچان ئىستاراتېگىيە قوللىنىپ، بەزىدە ئەھلىسەلىب قوشۇنى بىلەن بىرلىشىپ مۇسۇلمان فېئوداللارغا زەربە بەرسە، بەزىدە مۇسۇلمان فېئوداللار بىلەن ئىتتىپاق تۈزۈپ، ئەھلىسەلب قوشۇنىغا تاقابىل تۇردى. سۈرىيىدىكى نىزارىيە سياسىي رەقىبلىرىنى قەستلەپ ئۆلتۈرۈش ۋاستىسىنى داۋاملىق قوللىنىپ، ھىمىس ۋە دەمەشىقنىڭ ئەمەلدارلىرىنى، فاتىمىيە سۇلالىسىنىڭ ئەمىرىنى، ئەھلىسەلىب قوشۇنىنىڭ ترىپولىدىكى شاھى رېمون Ⅱ نى ۋە ئېرۇسالىم شاھى كونرادنى ئۆلتۈرۈۋەتتى، ئۇلار سالاھىددىننى ئۆلتۈرۈشكە ئىككى قېتىم ئۇرۇنۇپ مۇۋەپپەقىيەت قازىنالمىدى. كېيىن سالاھىددىن بۇ مەزھەپنىڭ شەيخى راشىددىن سىنان بىلەن سۇلھى تۈزدى. 1256 - يىلى موڭغۇل ھىلاكۇ قوشۇن باشلاپ پرسىيىدىكى ئەلۇمۇت قەلىئەسىنى ۋە باشقا قەلئەلەرنى ئىشغال قىلدى. بۇ مەزھەپنىڭ شەيخى رۇكنىددىن بىننى مۇھەممەد قاتارلىقلار تەسلىم بولغاندىن كېيىن ئۆلتۈرۈۋېتىلدى. نۇرغۇن مۇخلىسلار قىرغىن قىلىندى. ئامان قالغانلىرى ھىندىستانغا كۆچۈپ بېرىپ، خوجىلار دەپ ئاتالدى. ئاغەخان ئۇلارغا باشلىق بولدى. مىسىر مەملۈك سۇلالىسىنىڭ سۇلتانى بەيبەرەس 1260 - يىلى سۈرىيىدىكى نىزارىيىنىڭ بازىلىرىنى تارتىۋالدى، شۇنىڭ بىلەن بۇ مەزھەپ خارابلىشىشقا يۈزلەندى. ئۇلار ھازىر سۈرىيىنىڭ شىمالىي، ئىران، ئوتتۇرا ئاسىيا، ئافغانىستان، ئومان، زانگىبار ۋە ھىندىستان قاتارلىق جايلاردا چېچىلىپ ئولتۇراقلاشقان.
نىزارىيىنىڭ ئەقىدىسى ئىسمائىلىيەنىڭكى بىلەن ئاساسىي جەھەتتىن ئوخشاش بولۇپ، غايىب ئىمام ئەقىدىسىگە ۋە <قۇرئان كەرىم> نىڭ باتىن مەنىسى تەلىماتىغا ئەمەل قىلىدۇ. بۇ مەزھەپنىڭ شەيخى ئۆزىنى <غايىب ئىمام> ئىرادىسىنىڭ ۋەكىلى ۋە ئىجراچىسى، دەيدۇ. تۆتىنچى شەيخ ھەسەن بىننى مۇھەممەد (1162 - يىلىدىن 166 - يىلىغىچە تەختتە ئولتۇرغان) ئاللادىن چەكسىز ھوقۇققا ئىگە بولغان ئىمام ئىكەنىكىنى ئېيتىپ، 1164 - يىلى <روھنىڭ تىرىلىشى> نى ئوتتۇرىغا قويدى ھەمدە ئەلەمۇتتا <قىيامەت قايىم> بايرىمى ئۆتكۈزۈپ ئاخىر زاماننىڭ يېتىپ كەلگەنلىكىنى، يېڭى دەۋرنىڭ باشلىنىدىغانلىقىنى، ئۆلگەنلەرنىڭ روھى تىرىلىدىغانلىقىنى، ھەقىقەت ئاللانىڭ روھى زاتى سۈپىتىدە ئىمامدا ئىپادىلىنىدىغانلىقىنى، ئاللانىڭ ئەمرىگە بىنائەن قىيامەت سورىقى قىلىنىدىغانلىقىنى، ھەقىقەتنى چۈشەنگەنلەرنىڭ روھى جەننەتكە كىرەلەيدىغانلىقىنى جاكارلىدى. ئالتىنچى شەيخ جالالىددىن ھەسەن بىننى مۇھەممەد (1212 - يىلىدىن 1220 - يىلىغىچە تەختتە ئولتۇرغان) <روھنىڭ تىرىلىشى> غا قارشى تۇرۇپ، مۇسۇلمانلارغا دىنىي پەرزلەرنى ئادا قىلىش ۋە شەرىئەتكە ئەمەل قىلىش توغرىسىدا بۇيرۇق چۈشۈردى. مەككىگە بېرىپ ھەج قىلىشنى تەشەببۇس قىلدى ھەمدە كۆرۈنۈشتە ئابباسىيلار سۇلالىسى خەلىپىسىنىڭ داھىيلىق ئورنىنى ئېتىراپ قىلىپ، تېررورلۇق پائالىيەتلىرىنى توختىتىپ، بۇ مەزھەپتىكى بەزى يۇقىرى قاتلامدىكىلەرنىڭ ۋە مۇخلىسلارنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچرىدى. يەتتىنچى شەيخ ئەلائىددىن مۇھەممەد (1220 - يىلىدىن 1255 - يىلىغىچە تەختتە ئولتۇرغان) بۇ مەزھەپنىڭ ئەقىدە تەشەببۇسىنى ۋە تېررورلۇق پائالىيەتلىرىنى ئەسلىگە كەلتۈردى. بۇ مەزھەپنىڭ باشلىقى <شەيخ> دەپ ئاتالدى. بەزىلەر ئۆزىنى <خوجا>، <ئىمام> دەۋالدى. تاغ ئىچىدىكى قەلئەلەرنى ئىگىلەپ تۇرغانلىقتىن، ئەھلىسەلىبنىڭ تارىخچىلىرى ئۇلارنى <تاغدىكى شەيخلەر> دەپ ئاتىدى. بۇ مەزھەپتە شەيخ، باش دائى، دائى ۋە پىدائىيلار باشلىقىدىن رەھبەرلىك گۇرۇھى قۇرۇلدى. دىنىي جەھەتتە ئادەتتىكى مۇخلىسلار شەيخقا مۇتلەق بويسۇندى. بۇ مەزھەپ دىنىي تەبلىغ پائالىيەتلىرىگە ئەھمىيەت بەردى. دىنىي ئۆلىمالار دائى بولدى. ئەلەمۇتتا ۋە سۈرىيىدە كىتابخانا، رەسەتخانىلارنى تەسىس قىلىپ، ئۆلىمالارنى دىنىي ئەقىدە ۋە ئاسترونومىيە تەتقىقاتىغا، دىنىي تەبلىغات كىتابلىرىنى ۋە مۇنەججىملىك كىتابلىرىنى يېزىشقا ئۇيۇشتۇردى.